Uyghurئاساسىي لۇغەت
يانپاشقا ئالماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىللىيچە چېلىش ھەرىكىتىدە قارشى تەرەپنى يىقىتىش ئۈچۈن يانپاشقا تارتماق.
ھېكىم سەمەتنى يانپاشقا ئېلىپ ئېتىۋىدى، سەمەت بىر ھازاغىچە ئورنىدىن تۇرالماي قالدى.
كۆچمە. ئاجىز نۇقتىسىنى تۇتۇۋېلىپ زەربە بەرمەك.
ئۇنىڭغا مېنى يانپاشقا ئالىدىغان پەيت تازا كەلگەنىدى، لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى.