Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياندى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ياندى، قايتتى؛ قورقۇتتى؛ قۇستى، ياندۇردى.
ئەر يولدان ياندى _ ئادەم يولدىن ياندى، يەنى قايتتى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. بەگ ئۇنى قورقۇتتى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: يالىڭۇق مەڭگۈ تىرىلمەس سىنقا كىرۈپ كېرۈ يانماس _ كىشى مەڭگۈ ياشىماس، گۆرگە كىرسە ئارقىغا يانماس. ئوت ياندى _ ئوت ياندى. بۇ سۆز «ل _ L» بىلەنمۇ ئېيتىلىدۇ. ئەر ياندى _ ئادەم ياندۇردى، يەنى قۇستى ( يانار _ يانماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ياندى ئەرىنچ ئوغراغى
كەلدى بەرۈ تىغراغى
ئۆزى قۇيى ئوغراغى
ئالپلار قامۇغ تىركەشۈر
«نىيىتىدىن يانغان بولسا كېرەك،
ئۇنىڭ ئەلچىسى بېرى كەلدى؛
ئۆزى ۋادىنىڭ ئىچكىرىسىدە،
يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى توپلانماقتا.»
دۈشمەننى تەسۋىرلەپ شۇنداق دەيدۇ: ئۇ نىيىتىدىن يانغان بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭ خەۋەرچىسى كەلدى؛ ئۇ ۋادىنىڭ ئىچكىرىسىدە تۇرماقتا، باتۇرلار جەڭ قىلىش ئۈچۈن توپلىنىۋاتىدۇ.
قىپچاقچە.
3 - 87