يانچە-قىرىچە تەگمەك[يەشمىسى:] قاتتىق، قوپال گەپ قىلماق؛ يىرىك مۇئامىلىدە بولماق، سوغۇق پوزىتسىيە تۇتماق:[مىسال:] شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن خاڭدىكىلەر نەپرەت كۆزلىرىدە ماڭا نەشتەردەك قادىلىدىغان، جان-جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتكۈدەك قىلىپ، ماڭا يانچە-قىرىچە تېگىدىغان بولۇپ قېلىشتى.