Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياڭ مىڭيۈەن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1895 - 1956) جۇڭگودىكى مۇددەرىس. يۇرتى جياڭسۇ نەنتۇڭ. خېبېي تۇڭجۇ (ھازىرقى بېيجىڭنىڭ تۇڭشەن ناھىيىسى) گە كۆچۈپ كەلگەن، خۇيزۇ. مۇفەسسىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدە دادىسىدىن قۇرئان ئۆگەنگەن. 1910 - يىلى بېيجىڭ نيۇگەي مەسچىتىنىڭ ئىسلام دارىلمۇئەللىمىنىدە ئەرەبچە ۋە دىنىي كىتابلارنى ئوقۇدى. ئىككى يىلدىن كېيىن جاڭ زىۋېن، خەن جىڭچەنلەرنىڭ قولىدا ئەرەبچە، پارسچە ۋە فىقھە كىتابلىرىنى ئوقۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۇڭزىچىلارنىڭ كىتابلىرىنىمۇ تاشلاپ قويمىدى. 1920 - يىلى مەدرىسىنى پۈتتۈرۈپ ئاخۇنلۇق سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، شۇپەي كوچىسىدىكى مەسچىتكە ئىمام بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى 36 يىلدا بېيجىڭدىكى شىدەن پەيلۇ، خۇاسى، تيەنچاۋ، نيۇگەي ۋە خېبېيدىكى شۇنخۇا قاتارلىق جايلاردىكى مەسچىتلەردە ئىمام ۋە مۇددەرىس بولدى. مەدرىسە تەربىيىسىدە ھەم ئەنئەنىگە ئەھمىيەت بەردى، ھەم كونىلىققا ئېسىلىۋالمىدى. خەنزۇچىنى قوشۇپ ئوقۇشنى، كونا تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. 1937 - يىلى بېيجىڭ قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ياپونلار بەرگەن <شىمالىي جۇڭگو ئىسلام بىرلەشمىسىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋېييۈەنجاڭى> لىق مەنسىپىنى قوبۇل قىلماي، مىللىي غۇرۇرىنى ساقلاپ قالدى. 1948 - يىلى <بېيجىڭ شىنباۋ> گېزىتىدە دىننى ھاقارەتلەش دېلوسى پەيدا بولغاندا بېيجىڭدىكى خۇيزۇلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە ھۆكۈمەتتىن خۇيزۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ۋە مىللىي ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 1 -، 2 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالدى. ئىسلام دىنىغا دائىر بىر نەچچە ئەسەر يازدى.