Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياماكاۋا خېتوشى
دۇنيا تارىخى
(1880 - 1958) ياپونىيە سوتسىيالىستلار ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتچىسى. 1906 - يىلى ياپونىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1908 - يىلى قىزىل بايراق ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنىپ، ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. 1916 - يىلى پايتەختكە بېرىپ شېئىرىيەت جەمئىيىتىگە قاتناشقان. ئاياللار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئائوياماكىكۇئى (1890 - 1980) بىلەن توي قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1920 - يىلى ياپونىيە سوتسىيالىستلار ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلىشقا قاتناشقان. 1922 - يىلى ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. پارتىيىنى تارقىتىش ۋە قانۇنلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغاچقا، ئوڭچىل ئاغمىچىلىقنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە تەنقى قىلىنغان. كېيىن پارتىيىدىن ئايرىلىپ، ساقاي توشخىكو قاتارلىقلارغا ئوخشاش <ئەمگەكچى دېھقانلار گۇرۇھى> غا تەۋە بولۇپ، كومپارتىيىنىڭ ئىككى باسقۇچلۇق ئىنقىلاب نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان. 1927 - يىلى <ئەمگەكچى دېھقانلار> ژۇرنىلىنى چىقارغان. 1937 - يىلى خەلق فرونت ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان. 1937 - يىلى كېپىللىك بىلەن تۈرمىدىن چىققان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1946 - يىلى دېموكراتىك خەلق فرونتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1950 - يىلى سولچى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1951 - يىلى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت قۇرغان. ئۇ <پرولېتارىياتنىڭ سىياسىي ھەرىكىتى>، <ياپونىيىنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلابى ھەققىدە> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. كېيىن <ياماكاۋا خېتوشى> دىن 20 توم نەشر قىلىنغان.