Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ياماگاتا ئارىتومو
دۇنيا تارىخى
山县有朋
shān xiàn yǒu péng
(1838 - 1922) ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1889 - 1891، 1900) قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ مارشالى، ياش چېغىدىكى ئىسمى كۇڭجېي، مېيجى يىللىرىدا يېڭىلىققا كۆچۈش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن. خونسىيو ۋاسساللىقىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك سامۇرايلىقتىن كېلىپ چىققان. ئۇستازى كىستاتوكىۋا، مۇنتىزىم قوراللىق قىسىمنىڭ تەپتىشى، باش تەپتىشى بولغان، ۋۇچىن يىلىدىكى ئۇرۇش دەۋرىدە شەرققە يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1869 - يىلى ياۋروپاغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈش ئېلىپ بارغان، 1871 - يىلىدىن كېيىن لەشكىرىي پىرقە باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە باشلىقى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1889 - يىلى 12 - ئايدا ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن چاغدا <مائارىپ پەرمانى> ئېلان قىلغان. 1891 - يىلى ئاقساقاللار قاتارىغا ئايرىلغان. 1893 - 1894 - يىللاردا زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدا بىرىنچى جۈننىڭ قوماندانى بولغان، كېيىن يەنە باش شتابنىڭ ھەربىي تەپتىشى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1898 - يىلى 11 - ئايدا يەنە بىر قېتىم ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلىپ، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ قۇرۇقلق ئارمىيە ۋەزىرى بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان ھەمدە سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1904 - يىلى ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى ۋاقتىدا باش شتاب باشلىقى ۋە ھەربىي پونكىتنىڭ باش نازارەتچىسى بولغان. كېيىن ئىككى قارارلىق زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى (1905 - يىلى 12 - ئايدىن 1909 - يىلى 6 - ئايغىچە، 1909 - يىلى 11 - ئايدىن 1922 - يىلى 2 - ئايغىچە) بولغان. ئۇزۇندىن بېرى فونسىيو مىلىتارىستلىرى سىستېمىسىنى يۆلەپ كەلگەن ھەمدە ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىقنى جىددىيلەشتۈرگەن.