Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ياماچى تويۇنۇبۇ
دائىرە: دۇنيا تارىخى山内丰信
shān nèi fēng xìn
(1827 - 1872) ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، توسا ۋاسساللىقىنىڭ بېگى. بالا چېغىدىكى ئىسمى خۇيۋىي، تەخەللۇسى رۇڭتاڭ، توسا ۋاسساللىقىنىڭ شىرەم جەمەتى ياماچىنىڭ ئوغلى. 1848 - يىلى مۇشۇ جەمەتكە ئۆتۈۋېلىپ 15 - ئەۋلاد ۋاسسال بېگى بولغان. 1853 - يىلى پېرورىي پاراخوت ئەترىتىنى باشلاپ ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ۋاسساللىقنى ئىسلاھ قىلىپ، كۈچلۈك ۋاسساللارنى بىرلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ 1858 - يىلى ماتسودايىرايوشىنايا، شىمازو نارىئاكىرا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە توكۇگاۋا يوشنوبۇنى سانغۇن قىلىشنى قۇۋۋەتلىگەن. 1859 - يىلى تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاش جازاسى بېرىلگەن. 1862 - يىلى كەچۈرۈم بىلەن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، خاندانلىق بىلەن ۋاسسال مەھكىمىسىنىڭ بىرلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1867 - يىلى گوتوشوجىرونىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ۋاسسال مەھكىمىسىنى ھاكىمىيەتنى قايتۇرۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلغان. 1868 - يىلى پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش چاغلىرىدا توكۇگاۋا يوشنوبۇنى ئىستېپا بېرىپ، يەرلەرنى تەقسىم قىلىشقا بويرۇشقا قارشى تۇرغان. يېڭىلىققا كۆچۈش ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يىدىڭ، ئىچكى ئىشلار باش ۋالىيسى، يۇقىرى ئىدارە باشلىقى، مەكتەپ ئامبىلى بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.