Uyghurئاساسىي لۇغەت
يام
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇيدىغان ئات.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
چوڭ گۈل تەشتەكلىرى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆي - جاي، ھويلا - ئارام، كوچا - كويلاردىكى تاشلاندۇق، مەينەت، سۈپۈرۈندى نەرسىلەر.
ئەخلەت ساندۇقى. ئەخلەت ماشىنىسى. ئىككى خوتۇنلۇق ئۆينىڭ ئەخلىتى تىزغا كېلىدۇ. نام - ئاتاق، شان - شەرەپ، شاد - خۇراملىق، مال - دۇنيا دېگەنلەر دوستلۇق ئالدىدا ئەخلەت - چاۋاردۇر. ئەخلەت - ئۇخلەتلەرنى تازىلاش ھەربىر كىشىنىڭ ھەققى ۋە مەجبۇرىيىتى. چاۋار - چاتقاللار تازىلاپ چىقىرىلمىسا، ئورمان ئوڭشالماس.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
يوغان تاشتەك. مەسىلەن: بېشىغا يامىدەك سەللە ئورىغان داموللام.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
خەس، ئەخلەت.
كۆزگە يام تۈشتى _ كۆزگە خەس چۈشتى.
3 - 4
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆزگە ۋە باشقا نەرسىلەرگە چۈشۈپ قالىدىغان خەس، ئەخلەت.
3 - 219
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
خاس ئىسىم
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. چوڭ تەشتەك.