Uyghurئاساسىي لۇغەت
يالىماقⅠ
يالىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى تىل ۋاسىتىسى بىلەن ئېغىزغا ئالماق؛ تىلىنى تەگكۈزمەك:[مىسال:] تاپان يالىماق. يالاق يالىماق. * كالىلار سۇ ئېچسە، موزايلار مۇز يالايدۇ (ماقال). * قېتىق ئىچكەن قۇتۇلدى، تاۋاق يالىغان تۇتۇلدى (ماقال). * بېخىل سىقىمىنىڭ ئىچىنى ئايايدۇ، تېشىنى يالايدۇ (ماقال). * تىلىڭ كۆيسە تۇز يالا، ئىچىڭ كۆيسە مۇز (ماقال).[يەشمىسى:] ② تېگىپ، ئۇرۇلۇپ تەسىر قىلماق، سىيپىماق (ئىسسىق-سوغۇق ۋە شامال ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ يۈزلىرىنى شامال يالاپ سىلىقدىۋەتكەندەك كۆرۈنەتتى.[يەشمىسى:] ③ ئاققۇزماق، يۇماق (سۇ ھەققىدە):[مىسال:] دەريا تېرىلغۇ يەرنىڭ يېرىمىنى يالاپ چېقىپ بولدى. يەر ۋەيران بولۇپ تۈگىسە، ئاسماندا تېرىقچىلىق قىلامدۇق[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غاجىلىماق، ئاغرىتماق (ئاياغ كىيىم ھەققىدە):[مىسال:] ئاياغ پۇتۇمنى يالاپ كەتتى.