Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يالىلىق مايمۇن
بىئولوگىيە
金丝狱
jīnsīyù
ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىنىڭ پرىماتلار ئەترىتى، مايمۇنلار (سۆڭەكلىك مايمۇنلار) ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بەدەن ئۇزۇنلۇقى 53 - 77 سانتىمېتىر، قۇيرۇقى ئالاھىدە ئۇزۇن بولۇپ، بەدەن ئۇزۇنلۇقىغا تەڭ كېلىدۇ ياكى تېخىمۇ ئۇزۇن. تۆت پۇتى توم، كەينى پۇتى ئالدى پۇتىدىن ئۇزۇن، يۇڭ رەڭگى كۆركەم، چوققىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قارا رەڭلىك تاجىسىمان ئۇزۇن يۇڭى بولىدۇ، يۈزى كۆك، كۆز ئەتراپى (چەمبىرىكى) ئاق، بويۇن، مۈرە، دۈمبىلىرى كۈل رەڭ - قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. دۈمبە قىسمىدا ئالتۇن رەڭلىك ئۇزۇن (23 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ) تۈكى بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان؛ قۇيرۇق ئۇچى ئاق سېرىق، بوينىنىڭ يېنى ۋە قورساق تەرىپى سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك، يوتا، ساغرىلىرىنىڭ ئىچكى يېنى سۇس سېرىق رەڭلىك. قوۋۇز خالتىسى يوق، بېشى يۇمىلاق، قۇلىقى قىسقا، بۇرۇن تۆشۈكى يۇقىرىغا قارىغان. ئەركىكى چوڭ بەستلىك، چىشىسى ياۋاش. 2500 - 3000 مېتىر ئېگىز تاغ ئورمانلىرىدا ۋە ئارىلاش ئۆسكەن ئورمان دەرەخلىرىدە توپلىشىپ ياشايدۇ. توپ بېشى بولىدۇ، بەزىدە بىر توپتا نەچچە يۈز مايمۇن بىللە ياشايدۇ. ھەرىكەتلىنىش دائىرىسى ئاساسەن مۇقىم، ياۋايى مېۋە، يۇمران بىخ بامبۇك نوتىسى (بىخى) قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. پەسىل خاراكتېرلىك كۆچىدۇ. ئۇلار كۆپىنچە باھاردا چېتىشىدۇ، بوغاز مەزگىلى 5 - 6 ئاي داۋاملىشىدۇ. ھەر نۆۋەتتە بىرنى تۇغىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ سىچۇەن، خۇبېي، گەنسۇ ۋە شەنشىنىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىغا تارقالغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىلا چىقىدىغان ئالاھىدە ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. سانى ئاز بولغاچقا كۆرگەزمە قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. يۇڭى يۇمشاق بولۇپ، ناھايىتى قىممەتلىك. سۆڭىكىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. مەملىكىتىمىزدە قوغدىلىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك ھايۋان بولۇپ، ئوۋلاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. خۇبېي قاتارلىق جايلاردىكى تەبىئىي قوغداش رايونلىرىدا قوغداپ كۆپەيتىلىدۇ.