Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يالغان تەڭ ئورۇنلۇق گېن
دائىرە: بىئولوگىيە拟等位基因
nǐděngwèijīyīn
زىچ باغلانغان ۋە فۇنكىسىيىسى ئوخشىشپ كېتىدىغان ئىككى ياكى كۆپلىگەن ئورۇندىكى مۇتاتسىيىلەنگەن گېنلار بولۇپ، ئۇلار تەڭ ئورۇنلۇق گېنلارغا ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇلار خروموسومىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق قايتىدىن بىرلىشىدۇ، ئەمما قايتىدىن بىرلىشىش چاستوتىسى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. مېۋە چىۋىندە بايقالغان نۇرغۇنلىغان تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار ياكى تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار قاتارىنىڭ خروموسوما ئۈستىدە ئىگىلىگەن بۆلىكى مۇرەككەپ ئورنى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، مېۋە چىۋىننىڭ كۆزىنىڭ شەكلى ۋە كۆز، يۈز تۈزۈلۈشىگە تەسىر قىلىدىغان مۇتاتسىيە تىپلىق رومبا شەكىللىك كۆز بولۇپ، تۆت ئورۇندىكى زىچ باغلانغان يالغان تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوڭ، تەتۈر ئورۇن ئېففېكتى بولىدۇ، يەنە خروموسومىدا ئوڭ تىزىلسا ئىپادىلىنىش تىپى مۇتاتسىيە تىپلىق بولىدۇ. يالغان تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار ئوخشاش بىر سىسترون ياكى گېننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىككى ياكى كۆپلىگەن ئورۇنلاردا بولغان مۇتاتسىيىگىمۇ قارىتىلغان <ئوڭ تۈزۈلۈش تىپى>، <تەتۈر تۈزۈلۈش تىپى>، <سىسترون> غا قاراڭ.
دائىرە: باغۋەنچىلىك拟等位基因
nǐ děng wèi jī yīn
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.