Uyghurئاساسىي لۇغەت
يالغان يىلتىز
بىئولوگىيە
يۈسۈن، زەمبۇرۇغ، لىشاينىك ۋە مۇخ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقسىمان تېنى بىلەن پاپوروتنىكلارنىڭ ئىپتىدائىي يوپۇرماق تەنچىسىدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان يىپسىمان تۈزۈلۈش. يالغان يىلتىز شاخلىنىدۇ ياكى شاخلانمايدۇ، يەككە ھۈجەيرىدىن ياكى بىر قاتار تىزىلغان ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، ئۇنىڭدا قانال توقۇلمىسى بولمايدۇ، يىلتىزغا ئوخشاش ئۆسۈملۈك تېنىگە چاپلىشىپ سۇ ۋە باشقا ماددىلارنى سۈمۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.