Uyghurئاساسىي لۇغەت
يالغان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھىجىيىپ، ساختىلىق بىلەن كۈلگەن كۈلكە.
بولدى ئەمدى، غەر كۈلكەڭنى قوي. يالغان كۈلكە بىلەن كۆڭۈلنى ئالغىلى بولماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
راست ئەمەس، ھەقىقىي ئەھۋالغا زىت.
<يالغان>، <يالغان - ياۋىداق> ئومۇمەن گەپ - سۆزگە قارىتىلىدۇ.
<ساختا>، <جا>، <رىيا> لار ئادەم ۋە نەرسىلەرگە قارىتىلىدۇ، ھىيلە - مىكىر ئارىلاشقان بولىدۇ.
<غەلەت> ئەسلى ھالىدىن باشقىچە ھال.
<جا> خەنزۇچە: 假
يالغانمۇ يولى بىلەن بولسۇن. يالغان - ياۋىداقنىڭ ئۇۋىسىنى تاپماق تەس. ساختا مال ئاسان سېزىلىدۇ. جا ئادەم ئاخىر جاندىن ئايرىلىدۇ. رىيا ئىش يامانلىققا قوشنا. غەلەت ھەرىكەت قىلساڭ، غەلىبە يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوبيېكتىپ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس، ھەق ۋە ھەقىقىي ئەمەس. يالغان سۆز، ساختا مال، جا ئالتۇن
راست، چىن، جىڭ
ئوبيكتىپ رېئاللىققا ئۇيغۇن، ھەق ۋە ھەقىقىي. راست سۆز، چىن مال، جىڭ ئالتۇن
راست بىلەن يالغان بىر يەردە جەم بولماس. راستنى كۆرسە يالغان قاچىدۇ، يولۋاسنى كۆرسە تايغان (قاچىدۇ). قۇلاق ئاڭلىغان يالغان، كۆز كۆرگەن راست. راست ئېيتقان تۇتۇلۇپ، يالغان ئېيتقان قۇتۇلىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. بىر يالغاننى يېپىش ئۈچۈن ئون يالغان يېتىشمەيدۇ. ھەقىقىي سۆزنىڭ كۈچى چىن بولغانلىقىدا. جىڭ ئالتۇن ئوتتىن قورقمايدۇ. جا دورا جاننى ئالىدۇ. ساختا مالنىڭ ئۇۋىسىنى تېپىش ئاسان.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يالغان.
بۇ سۆز بەزىدە سۈپەت ۋەزىپىسىدىمۇ كېلىدۇ. يالغان كىشى _ يالغانچى كىشى. يالغان سۆز _ يالغان سۆز.
3 - 48
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھەقىقەتكە زىت، ناتوغرا؛ راسىت ئەمەس، ئويدۇرما، ساختا، ياسالما.
يالغان گەپ. يالغان جاۋاب.
كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭمۇ؟ قۇلاق ئاڭلىغان يالغان (ماقال).
يالغان راست بولماس، راست يالغان بولماس (ماقال).