Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر كەنجى تىپى
بىئولوگىيە
裸子植物亚门
luǒzǐzhíwùyàmén
ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى بىرئاز ئىپتىدائىي كەنجى تىپ، يەنى ھەم تۇخۇم ئورگىنى، ھەم ئۇرۇقى بولغان پاپوروتنىكلار بىلەن ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغان جايلاشقان قاناللار باغلىمى بولغان بىر توپ ئۆسۈملۈكتىن ئىبارەت. بۇ تىپتىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گامېتوفىتى تەرەققىي قىلغان سپوروفىتىدا پارازىتلىنىدۇ. كۆپ ساندىكىلىرىدە تۇخۇم ئورگىنى بولىدۇ؛ كىچىك سپورا بىخلىنىپ گۈل چېڭى نەيچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ تۆرەلمە سۈتى ئۇرۇقلىنىشتىن بۇرۇن ھاسىل بولىدۇ؛ تۆرەلمە، تۆرەلمە سۈتى ۋە تۈگۈن يېپىنچىسى قاتارلىقلار ئۇرۇقنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇرۇقدان ۋە مېۋە ھاسىل قىلمايدۇ، تۆرەلمە تۈگۈنى ۋە ئۇرۇق ئوچۇقچىلىقتا تۇرىدۇ، شۇڭا يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈك دەپ ئاتىلىدۇ. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئەڭ دەسلەپتە پالىئوزوي ئېراسىدا پەيدا بولغان ۋە مېزوزوي ئېراسىدا ئەڭ گۈللەنگەن. ھازىر تەخمىنەن 760 تىن ئارتۇق تۈرى بار. بۇلار تۆت ئەترەت، 12 ئائىلە، 71 ئۇرۇقداشقا بۆلۈنىدۇ. ھەرقايسى ئەترەتنىڭ كېلىش مەنبەسى ئوخشىمىغاچقا تۈزۈلۈشى پەرقلىنىدۇ. جۇڭگو يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تۈرى ئەڭ كۆپ، بايلىق مەنبەسى ئەڭ مول دۆلەت بولۇپ، 11 ئائىلە، 41 ئۇرۇقداش، تەخمىنەن 230 تۈر، 48 ئۆزگەرگەن تۈر بار. بۇنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپلىرى <تىرىك تاش قاتما> ئۆسۈملۈكلەردۇر. نۇرغۇنلىغان يالىڭارچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر دۆلەت مىللىي ئىگىلىكىدە مۇھىم قىممەتكە ئىگە. بولۇپمۇ قارىغاي ئارچا ئەترىتىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئورماننىڭ ئاساسىي تەركىبى، ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.