Uyghurئاساسىي لۇغەت
يالا
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
يالىماق. يالاش. بىرەر نەرسىنى تىل بىلەن سۈركىمەك ياكى ئالماق.
تىلىڭ كۆيسە، تۈز يالا، ئىچىڭ كۆيسە، مۇز يالا (ماقال). * يالاقچى يالاپ تويماس، غالچا غاجىلاپ (ماقال). * يەپ تويمىغان يالاپ تويماس (ماقال). * كالا سۇ ئىچكەندە، مۇراي مۇز يالاپتۇ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
(يا: لا) يالىماق، يالاش. نازارەت قىلىپ ئېلىپ ماڭماق.
ئەسكەرلەر ئەسىرلەرنى يالاپ ئەكەتتى. * جىنايەتچى يالاپ ئەپچىقىلدى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بىرەر مۇددىئا بىلەن بىراۋغا چاپلىغان يوق جىنايەت.
خۇشامەت، يالاقچىلىق، تەخسىچىلىك
بىرەر تەمە بىلەن بىراۋغا قىلىنغان غەيرىي تەبىئىي مۇئامىلە، كۈچۈكلىنىش.
خۇشامەت قىلالىغان كىشى تۆھمەتمۇ قىلالايدۇ. يالاقچىلىق قىلغان يالمۇ چاپلايدۇ. تەخسىچىلىك قىلغان قارا چاپلاشنىمۇ بىلىدۇ. خۇشامەت قىلىش - ھاقارەت قىلىش بىلەن باراۋەر. خۇشامەت - يېرىم تىل - ئاھانەت. خۇشامەت، يالاقچىلىق، تەخسىچىلىك ئۆزىگە لايىق بولمىغان نام - ئورۇن، شان - شۆھرەتكە ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوقىلاڭ باھانىلارنى تېپىپ، كىشىنىڭ نام _ نىشانىغا داغ تەككۈزۈش، زىيانكەشلىك.
تۆھمەتتە ھەقىقەت يوق، يالغاندا لەززەت .بوھتان يىلاندەك ئۆمىلەپ كېلىدۇ. تاپقىنى تۆھمەت _ قارا، قىلغىنى زەخمەت _ يارا. يارنىڭ يالىسى تۈگىمەس. شىلتاق چاپلانسا، يۇماق تەس.
شىۋىلەر
تۆھمەت، قارا، بۆھتان. مەسىلەن: ئەمەت يالىغا كېتىپتۇ - ئەمەت بۆھتانغا قېپتۇ؛ يامانغا يولۇقساڭ يالىسى يۇقار، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى (ماقال).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يالا، تۆھمەت.
نېپىز قاتلىما نانمۇ « يالاچى يۇغا _ تۆھمەتچى نان» دېيىلىدۇ. بۇ نانىڭ نېپىزلىكىدىن قول تېگە - تەگمەيلا ئۇشتۇلۇپ، ئۇۋىلىپ كېتىشىگە قاراپ ئېيتىلغان. شۇڭا ناۋاي كىشىلەرنى بۇنى سەن سۇندۇردۇڭ دەپ ئەيىبلەيدۇ.
3 - 31
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
باشقىلارنى قارىلاش، ئەيىبلەش مەقسىتىدە ئويلاپ چىقىرىلغان ئاساسسىز گەپ - سۆز، تۆھمەت، بەتنام، بوھتان، قارا.
قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ بالىسى (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تۆھمەت، بوھتان.
يالا چاپلىماق. * ياۋنىڭ يالىسى تۈگمەس (ماقال).
دىلى ھەسەتكە تولغان ئىچى قارا،
دائىم پاك ئادەمگە چاپلايدۇ بالا.