Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ياكوبىن پارتىيىسىدىكىلەر دېلوسى
دۇنيا تارىخى
雅各宾党人案件
yǎ gè bīn dǎng rén àn jiàn
ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئاۋسترىيە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتلار ۋە ئىلغار زىيالىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسى. فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابنىڭ تەسىرىدە، 1794 - يىلى ئەتىيازدا ئاۋسترىيىنىڭ ۋېنا ۋە ئاۋسترىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ۋېنگرىيىنىڭ بۇداپىشت قاتارلىق جايلىرىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، <ئەركىنلىك - باراۋەرلىك جەمئىيىتى> ۋە <ئىسلاھاتچىلار جەمئىيىتى> قاتارلىق مەخپىي دېموكراتىك تەشكىلاتلار قۇرۇلغان ھەمدە پروگراممىلىرىنى تۈزۈپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازىنى بىكار قىلىپ، مەسئۇل ئىچكى كابىنېت تۈزۈمىدكى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش؛ پۇقرالار ئەركىنلىك - باراۋەرلىك ۋە دۆلەتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش؛ مىللىي مۇستەقىللىك ۋە ئۆزىگە - ئۆزى خوجا بولۇش؛ كىتاب - ژۇرناللارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە مەخپىي ساقچىلارنى تارقىتىۋېتىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. 1794 - يىلى ئاۋسترىيە ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى دېموكراتىك ھەرىكەنى <ياكوبىن پارتىيىسىدىكىلەر ھەرىكىتى> دەپ قارىلاپ، ئاۋسترىيە بىلەن ۋېنگرىيىدە تەشكىلات ئەزالىرىنى كۆپلەپ قولغا ئالغان، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈم جازاسىغا ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرىدىن مۇردىنوۋىچ، لوسكىۋىچ، خوئىنوچ قاتارلىقلار ئىككىنچى يىلى 5 - ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ ئىشتىن كېيىن ئاۋسترىيە بۇ دېلودىن پايدىلىنىپ، مەملىكەت ئىچىدە تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كەڭ زىيالىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغان.