Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياكوبىن كۇلۇبى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە سىياسىي تەشكىلات. دەسلىپىدە برېتاگېنى كۇلۇبى دەپ ئاتىلىپ، ئۈچ تەبىقە مەجلىسى مەزگىلىدە برېتاگېنېنىڭ ۋەكىللىرى دائىم بىر يەرگە يىغىلىپ، يىغىننىڭ كۈنتەرتىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. 1789 - يىلى 10 - ئايدا، بۇ كۇلۇب پادىشاھ ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە ۋېرسالدىن پارىژغا كۆچۈپ بېرىپ، نامىنى <ئاساسىي قانۇن دوستلىرى جەمئىيىتى> گە ئۆزگەرتكەن، كۆپىنچە سان ئونولىي كوچىسىدىكى ياكوبىن موناستىرىدا يىغىن ئاچىدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭغا قاتناشقانلار ئەركىن ئاقسۆڭەكلەر، چوڭ سودا - سانائەت بۇرژۇئازىيىسى ۋە بۇرژۇئا دېموكراتىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرى ۋە شەھەرلىرىدە ئۇنىڭ بىرقانچە مىڭ ياچېيكىسى قۇرۇلغان. بۈيۈك ئىنقىلابتا بىر قانچە قېتىملىق بۆلۈنۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى باشتىن ئۆتكۈزگەن: 1791 - يىلى 6، 7 - ئايلاردىكى كورۇلنىڭ قېچىپ كېتىش ۋە مارس مەيدانىدىكى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلار ئۇنىڭدىن چېكىنىپ چىقىپ، فېيلانتىس كۇلۇبىنى قۇرغان؛ 1792 - يىلى 01 - ئاۋغۇست ئىنقىلابىدىن كېيىن، گىروندېچىلار بىلەن تاغلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش كەسكىنلىشىپ 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى برىسسوت ياكوبىن كۇلۇبىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، باشقا گىروندېچىلارمۇ ئارقا - ئارقىدىن چېكىنىپ چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن، روبېسپېرر ۋەكىللىكىدىكى تاغلىقلار بۇ كۇلۇبقا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە ياكوبىن دىكتاتۇرىسىنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكىگە ئايلىنىپ، ئىنقىلابنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە غايەت زور رول ئوينىغان. 1794 - يىلىدىكى تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، بۇ كۇلۇب تاقىۋېتىلگەن. تەپتىش ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە گەرچە قەدىمكى ئاقىللار ئىبادەتخانسى ۋە بەيگە زالى قاتارلىق كۇلۇبلارنىڭ نامى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي ئەىسىر كۈنسايىن يوقىلىپ، ئاخىرى 1799 - يىلى تارقىتىۋېتىلگەن.