Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياغلار
خىمىيە بىلىملىرى
ئادەملەر ئىستېمال قىلىدىغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈك مايلىرى ئومۇملاشتۇرۇپ ياغلار دەپ ئاتىلىدۇ. ياغلار سۇدا ئېرىمەيدۇ.
ياغلار خىمىيىدە گلىتسېرىن بىلەن ياغ كىسلاتالىرىنى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدۇ، شۇڭا ئۇ گلىتسېرىدلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياغلار (گلىتسېرىدلار)نى ئادەم ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئادەم تېنىگە كىرگەن ياغلارنىڭ مولېكۇلىلىرى مۇناسىپ فېرمېنتلارنىڭ تەسىرىدە ئۈچ دانە سۇ مولېكۇلىسى بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ بىر دانە گلىتسېرىن مولېكۇلىسى بىلەن ئۈچ دانە ياغ كىسلاتا مولېكۇلىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رېئاكسىيىلىشىپ ئادەم تېنىنى ئېنېرگىيە ۋە ئېھتىياجلىق ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئادەم تېنى قوبۇل قىلغان ياغلار ئادەم تېنىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن كېيىن ئەگەر ئېشىپ قالسا، ئۇ بەدەندە زاپاس ساقلىنىپ، كېيىنكى ئېھتىياجنى تەمىن ئېتىدۇ. قىزىق يېرى شۇكى، ئادەمنىڭ قىشتا يەيدىغان تامىقى يازدىكىدىن كۆپ بولىدۇ، چۈنكى ئوزۇقلۇقلار بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىر قىسمى خوراپ، يەنە بىر قىسمى بەدەننىڭ ئۆزىنىڭ ماددىسىغا ئايلىنىدۇ، ئۇلار ئىچىدىكى كۆپچىلىكى ياغلارغا ئايلىنىدۇ. ئادەم تېنى سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن بىر قىسىم ياغلارنى پارچىلاپ ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ئالىملار1 گرام ياغ ئادەم بەدىنىدە تولۇق ئوكسىدلىنىپ پارچىلانغاندا9 .38 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە ئاجرىتىپ چىقىرىدىغانلىقىنى، بۇ، شېكەر، ئاقسىللار ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ئېنېرگىيىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان.
ياغلىق تائاملارنى كۆپرەك يېگەندە قورساق ئاسانلىقچە ئاچمايلا قالماستىن، بەدەننى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەپ ئېشىپ قالغان بىر قىسىم ياغلار تېرە ئاستىغا توپلىنىپ، مۇسكۇل ۋە تېرىلەرنى تولۇق، يۇمشاق، چىرايلىق قىلىدۇ. لېكىن، بەدەندە ياغ بەك كۆپىيىپ كەتسە ئادەم سەمرىپ كېتىدۇ، ھەتتا تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىكلەرگە دۇچار بولىدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقانلار ياغنى ئازراق يەپ، خولېستېرىننىڭ ئارتىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. بالىلار ۋە ياش - ئۆسمۈرلەر ياغلارنى، مەسىلەن، سېرىقماي، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېسە بولىدۇ.
بىئولوگىيە
<نېيترال ياغلار> ياكى <ھەقىقىي ياغلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گلىتسېرىن بىلەن ياغ كىسلاتاسىنىڭ كوندېساتسىيىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئېستېرلاردۇر. ھازىر ئۇلارنى ئاتسىل گلىتسېروللار دەپ قارالسا، تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. ترى ئاتسىل گلىتسېرول گلىتسېرىننىڭ ئۈچ دانە گىدروكسىلى بىلەن ئۈچ دانە ياغ كىسلاتا مولېكۇلىسىنىڭ سۇسىزلىنىپ كوندېنساتسىيلىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. گلىتسېرىن مولېكۇلىسىنىڭ ئىككى دانە گىدروكسىلى بىلەن ئىككى دانە ياغ كىسلاتاسى كوندېنساتسىيىلەنسە، دى ئاتسىل گلىتسېروللار، بىر دانە ياغ كىسلاتا مولېكۇلىسى بىلەن كوندېنساتسىيىلەنسە، مونۇ ئاتسىل گلىتسېروللار بولىدۇ. ترى ئاتسىل گلىتسېروللار ياغلارنىڭ ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋان ھۈجەيرىلىرىدە زاپاس ساقلىنىدىغان مۇھىم ئورنى، بەدەندە ئوكسىدلىنىپ پارچىلانغاندىن كېيىن، ئورگانىزمنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنە مىخانىك زەخىملىنىشنىڭ، ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق قوغداش رولى بار. ترى ئاتسىل گلىتسېرول فوسفاتىدقا ئايلانغاندىن كېيىن بىئو پەردىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خىمىيە
ياغ كىسلاتاسى ۋە ئالكوگول قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ياغ ۋە ئۇنىڭ ھاسىلاتلىرى، كۆپىنچە O، H، C قاتارلىق ئۈچ خىل ئېلېمېنتتىن تەكرىب تاپىدۇ. ئۇلارنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى ۋە تۈزۈلۈشىدە پەرق ناھايىتى زور، لېكىىن ھەممىسى سۇدا ئېرىمەيدۇ. خلوروفورم، ئېفىر، ئاتسېتون قاتارلىق قۇتۇپلۇقى بولمىغان ئورگانىك ئېرىتكۈچىلەردە ئېرىيدۇ. ياغلار ئاساسەن ياغ، ياغسىمان ماددىلار ۋە ستېرولنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.