Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ياغاچلىق قىسىم
دائىرە: بىئولوگىيە木质部
mùzhìbù
ئۆسۈملۈك قاناللار باغلىمىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، سۇ ۋە نىئورگانىك ماددا توشۇش، ئۆسۈملۈككە تىرەك بولۇش فۇنكىسىيىسىگە ئىگە. يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياغاچلىق قىسمى ئۆتكۈزگۈچى قانال، نەيسىمان ھۈجەيرە، ياغاچ تالاسى، ياغاچ نېپىز پوستلۇق توقۇلمىسى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ. ئۆتكۈزگۈچى قانال بىلەن نەيسىمان ھۈجەيرە توشۇغۇچى توقۇلمىغا كىرىدۇ، ئۇلار ياغاچلىق قىسىمنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى. ياغاچ تالاسى مېخانىكىلىق توقۇلمىغا كىرىدۇ. ياغاچ نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىسى نېپىز پوستلۇق توقۇلمىغا كىرىدۇ. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياغاچلىق قىسمىدا ئۆتكۈزگۈچى قانال ۋە ياغاچ تالاسى بولمايدۇ. پەقەت نەيسىمان ھۈجەيرىلا توشۇش ۋە تىرەك بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. ياغاچلىق قىسىم ھۈجەيرىلىرىنىڭ پوستى ياغاچقا ئايلىنىپ بارىدۇ ھەمدە قاتتىق بولىدۇ. ئىپتىدائىي ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت بىۋاسىتە ھاسىل قىلغان ياغاچلىق قىسىم دەسلەپكى ياغاچلىق قىسىم دەپ ئاتىلىدۇ؛ ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىدىن ھاسىل بولغان ياغاچلىق قىسىم كېيىنكى ياغاچلىق قىسىم دەپ ئاتىلىدۇ. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ياغاچ غوللۇق قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كېيىنكى ياغاچلىق قىسمى تەرەققىي قىلىپ، ياغاچ ماتېرىيالىغا ئايلىنىدۇ.
دائىرە: باغۋەنچىلىك木质部
mù zhì bù
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.