Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يادرو مېغىزى (يادروچاق)
بىئولوگىيە
核仁
hérén
ھۈجەيرە يادروسىدىكى شار شەكىللىك كىچىك تەنچە. ئادەتتە بىر ياكى ئىككى دانە بولۇپ، نوقۇل خروموسومىنىڭ بەلگىلىك ئورنىغا يېپىشىپ تۇرىدۇ، يەنى يادرو مېغىزىنى تەشكىل قىلغۇچى مەركىزىي قىسىمغا جايلاشقان ھۈجەيرىنىڭ يىپلىق بۆلۈنۈشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە يوقىلىدۇ، كېيىنكى مەزگىلىدە خروموسوما يادرو مېغىزىنى تەشكىل قىلغۇچى مەركەزدە قايتىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا يادرو مېغىزىنىڭ دانىچىلىك رايون ۋە تالالىق رايونىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. دانىچىلىك رايونىدىكى دىئامېترى تەخمىنەن 15 ~ 20 مىللىمىكرون كېلىدىغان دانىچىلەر سىتوپلازمىدىكى رىبوزومىلارنىڭ ئالدىنقى تەنچىلىرى بولۇشى مۇمكىن. تالالىق رايونىدا رىبوزا نۇكلېئوپروتېئىنىدىن تۈزۈلگەن، دىئامېترى ئون مىللىمكرون كېلىدىغان تالالار بولىدۇ. ئىككىلا رايوندا شەكىلسىز ئاساسىي ماددىسى بولىدۇ، يادرو مېغىزى rRNA سىنتېزلىنىدىغان ۋە رىبوزوما قۇراشتۇرۇلىدىغان ئورۇن . يادرو مېغىزىنىڭ ئوراپ تۇرىدىغان پەردىسى بولمايدۇ.