Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياچاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىل 12 ئاينىڭ ئون بىرىنچىسىنىڭ نامى.
نويابر ئىنگلىزچە November دېيىلىدۇ. ئۇ لاتىنچە Novem دىن كەلگەن. ئۇنىڭ ئەسلى مەنىسى توققۇز، يەنى 9 - ئاي بولۇپ، قەدىمكى رىم يىلنامىسىدا بىر يىل 12 ئايغا ئۆزگەرگەندىن كېيىن، 9 - ئاي 11 - ئاي بولغان، لېكىن نامى ئۆزگەرتىلمىگەن.
11 - ئاي كىچىك ئاي؛ 30 كۈنلۈك.
11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى پانامانىڭ دۆلەت بايرىمى.
7 - نويابر ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى خاتىرە كۈنى، يەنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت بايرىمى ئىدى.
1869 - يىل 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان سەۋەيىش قانىلى پۈتۈن قاتناش باشلانغان.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
كىچىك يا.