Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ھۇشبېرگ
دائىرە: دۇنيا تارىخى赫西伯格
hè xī bó gé
(1853 - 1885) تەخەللۇسى ل.رىشتېر. گېرمانىيىلىك سوتسىيال ئىسلاھاتچى. كاتتا سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1876 - يىلى گېرمانىيە سوتسىيال ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. ئىسلاھاتچىلىق خاھىشىغا ئىگە نۇرغۇن گېزىت - ژۇرناللارنى چىقارغان ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن. 1878 - يىلى <سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن> ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شۋېتسارىيىدە سىچرام ۋە بېرنىشتېيىن بىلەن بىرلىشىپ، پارتىيىگەقارشى تەشكىلات - <سىيۇرىخ ئۈچ كىشىلىك گۇرۇھى> نى قۇرغان. پارتىيىگە قارشى ژۇرنال - <ئىجتىمائىي پەن ۋە ئىجتىمائىي سىياسىي يىللىق مەجمۇئەسى> نى چىقىرىپ، <گېرمانىيىنىڭ سوتسىيالىستىك ھەرىكىتىگە نەزەر> دېگەن پارتىيىگە قارشى پروگراممىنى ئېلان قىلغان. ئىسلاھاتچىلىق ۋە تەسلىمىچىلىك قارىشىنى تەشۋىق قىلىپ، گېرمانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە زور زىيان كەلتۈرگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.