Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
霍姆斯
دۇنيا تارىخى
ھولمېس
(1841 - 1935) ئامېرىكىلق سوتچى. قانۇنشۇناس. بوستۇندا تۇغۇلغان. 1861 - يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، شۇنىڭدىن كېيىنلا جەنۇب بىلەن شىمال ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە پودپولكوۋنىكلىككە كۆتۈرۈلگەن. كېيىن خارۋارد قانۇن شۆيۈەنىگە قايتىپ ئوقۇغان.1866 - يىلى بوستوندا ئادۋوكات بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە <ئامېرىكا قانۇن ئوبزورى> غا تەھرىر بولغان. 1882 - يىلىدىن ئېتىبارەن خارۋارد قانۇن شۆيۈەنىنىڭ قانۇنشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. ئۇزاققىچە ماسسا چۇسېتىس شتاتلىق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى بولغان. 1899 - 1902 - يىللىرى باش سوتچى بولغان. 1902 - 1932 - يىللىرى ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى بولغان. سۇيىئىستېمالچىلىق كۆز قارىشىنى تەرغىپ قىلغان. قانۇن، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىش پائالىيىتىدە ئىپادىلىنىدۇ، بۇرژۇئازىيىگە پايدىلىق بولسىلا، ئەمگەكچى خەلققە يول قويسىمۇ، ئۇنى باستۇرسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ئادەت قانۇنى>، <قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيىلىرى> بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
霍姆斯〈叙〉
huò mǔ sī
ھىمسDتارىخ
huò mǔ sī
ھۇمىس
huò mǔ sī
ھىمس
huò mǔ sī
ھىمس