Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
婚级制
دۇنيا تارىخى
دەرىجىلىك نىكاھ تۈزۈمى
ئاۋسترالىيىدىكى دەرىجىلىك نىكاھ تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ توپ نىكاھنىڭ بىر خىل ئىپتىدائىي شەكلى. تەخمىنەن ئۇرۇقداشلىق باسقۇچىدىن ئىلگىرى پەيدا بولغان، كېيىن ئۇۇقداشلىق بىلەن قوشۇلۇپ، ئىككى جىنىس مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بۇ تۈزۈم ئاددىي ئىككى دەرىجىلىك تۈزۈمدىن مۇرەككەپ سەككىز دەرىجىلىك تۈزۈمگە ئۆتۈشتىن ئىبارەت تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئىككى دەرىجىلىك تۈزۈم ئاۋسترالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مانتېس - گامبىئېر رايونىدا ئولتۇراقلاشقان ئاۋسترالىيە نېگىرلىرىنىڭ ئارىسىدا تارقالغان بولۇپ، پۈتكۈل قەبىلە ئىككى درىجىگە بۆلۈنۈپ، دەرىجىنىڭ ئىچكى قىسمىدا نىكاھلىنىش قاتتىق مەنئى قىلىنغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر دەرىجىدىكى ھەربىر ئەركەك تۇغۇلغىنىدىن تارتىپلا يەنە بىر دەىجىدىكى ھەر بىر ئايالنىڭ ئېرى ھېسابلانغان، ھالبۇكى ئايالمۇ تۇغۇلغىنىدىن تارتىپلا يەنە بىر دەرىجىدىكى ھەر بىر ئايالنىڭ ئېرى ھېسابلانغان، ھالبۇكى ئايالمۇ تۇغۇلغىنىدىن تارتىپلا مۇئەييەن دەرىجىدىكى بارلىق ئەركەكلەرنىڭ خوتۇنى ھېسابلانغان، بالا ئانىنىڭ دەرىجىسىگە تەۋە بلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئانا - بالا ئارىسىدا، ئانا تەرەپنىڭ ئاكا - ئۇكىلىرى بىلەن ئاچا - سىڭللىرى ئارىسىدا، ئاكا - ئۇكىلارنىڭ ئوغۇل - قىزلىرى ئارىسىدا، ئاچا - سىڭىللارنىڭ ئوغۇل - قىزلىرى ئارىسىدا، ھەممىسى ئوخشاش بىر دەرىجىگە مەنسۇپ بولغانلىقتىن، نىكاھلىنىش ئستىنا قىلىنغان. ئەمما ئاچا - سىڭىللارنىڭ ئوغۇل - قىزلىرى بىلەن ئاكا - ئۇكىلارنىڭ ئوغۇل - قىزلىرى ئايرىم - ئايرىم ئىككى دەرىجىگە مەنسۇپ بولغانلىقتىن، ئۆزئارا نىكاھلىنىشقا مۇمكىن بولغان. ئوخشاش سەۋەبكە ئاساسەن، ئاتا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھلىنىش شەكىل جەھەتتە ئىستىسنا قىلىنمىسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئىستىسناقىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئىككى دەرىجىلىك تۈزۈم ئۇرۇقداشلىقنىڭ بىخىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، كېيىنچە ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ يەرلىك ئاھالىسىدىكى ئۇرۇقلار ئۆزئارا نىكاھلانمايدىغان نىكاھلىنىش دەرىجىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. سەككىز دەرىجىلىك تۈزۈم ئاۋسترالىيىنىڭ نېۋسوئۇت ۋالېس شتاتى دارلىنگ ۋادىسىدىكى كامىلاروي قەبىلىسىدە تارقالغان بولۇپ، ئۇ يەردە كىشىلەر سەككىز نىكاھلىنىش دەرىجىسىگە بۆلۈنگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە تۆتى پۈتۈنلەي ئەركەكلەردىن، قالغان تۆتى پۈتۈنلەي ئاياللاردىن تەركىپ تاپقان؛ ئالدىنقىسىنىڭ مەلۇم نىكاھلىنىش دەرىجىسىدىكىلەر پەقەت كېيىنكىسىنىڭ مەلۇم نىكاھلىنىش دەرىجىسىدىكىلەر بىلەنلا نىكاھلىنىشقا بولغان. ئۆزئارا نىكاھلىنىدىغان نىكاھلىنىش دەرىجىسىدىكىلەر يەنە چوقۇم ئوخشاش بولمىغان ئۇرۇقلارغا مەنسۇپ بولۇشى لازىم. بولغان. مەلۇم بىر ئەركەكلەر نىكاھلىنىش دەرىجىسىگە مەنسۇپ بولغانلىكى ھەممە كىشىلەر ئۆزئارا ئاكا - ئۇكا بولغان؛ مەلۇم بىر ئاياللار نىكاھلىنىش دەرىجىسىگە مەنسۇپ بولغانلىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى، ئۆزئارا ئاچا - سىڭىل بولغان. ئۆزئارا نىكاھلىنىدىغان نىكاھلىنىش دەرىجىسىدىكىلەر بىر - بىرىنى گولېئېر (جۈپتۈم) دەپ ئاتىغان. ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتى نىكاھلىنىش دەرىجىسىنى ئۇرۇق ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ھەربىر ئۇرۇق ئەركەكلەر نىكاھلىنىش دەرىجىسىدىن ئىككىنى، ئاياللارنىكاھلىنىش دەرىجىسىدىنمۇ ئىكككىنچى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بالا ئانا تەرەپ ئۇرۇققا مەنسۇپ بولغان، ئەمما ئوخشاش ئۇرۇق ئىچىدە ئاتا - ئانىسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئۇرۇق ئىچىدە ئاتا - ئانىسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمىغان نىكاھلىنىش دەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن. نىكالىنىش دەرىجىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى، روشەنكى ئاكا - ئۇكىلار بىلەن ئاچا - سىڭىللار ئارىسىدىكى نىكاھلىنىشنى ئىستىسنا قىلىشتا كۆرۈلگەن، ھالبۇكى نىكاھلىنىش دەرىجىسىنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە كۈنسايىن مۇرەككەپلىشىشى قان - قېرىنداشلار نىكاھلىنىش دائىرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تارىيىش، تەقىپ قائىدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىش يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.