Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ھۇنيادى
تارىخ
匈雅提
xiōng yǎ tí
دۇنيا تارىخى
匈雅提
xiōng yǎ tí
(تەخمىنەن 1387 - 1456) ۋېنگرىيىنىڭ نائىبى (1444 - 1456) ۋە قوماندانى، ترانسىلۋانىيە (ھازىرقى رۇمىنىيە چېگرىسى ئىچىدە) دە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ۋېنگرىيە كورۇلى سىگسىمۇند (1411 - يىلى يەنە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىقىغا سايلانغان) نىڭ ھەربىي قوماندانى بولغان. 1440 - يىلى پولشا كورۇلى ۋلادىسلاۋ Ⅲ نىڭ قوشۇمچە ۋېنگرىيىگە پادىشاھ بولۇشىنى قوللىغان. 1442 - يىلى ترانسىلۋانىيىنىڭ باش ۋالىيىسى بولغان. 1442 - 1443 - يىللىرى ئارقا - ئارقىدىن تۈركىيە قوشۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. لېكىن 1444 - يىلى 11 - ئايدا ۋارنا جېڭىدە تۈركىيە سۇلتانى مۇراد Ⅱ تەرىپىدىن يېڭىلگەن. ۋلادىسلاۋ Ⅲ مۇشۇ جەڭدە ھالاك بولغان. شۇ يىلى ۋېنگرىيىنىڭ نائىبى بولغان. 1456 - يىلى، ۋېنگرىيە، پولشا، چېخ ۋە گېرمانىيە رىتسارلىرىدىن تەركىب تاپقان 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى باشلاپ چىقىپ، بېلگراد جېڭىدە سۇلتان مۇھەممەد Ⅱ قوماندانلىقىدىكى 100 مىڭ كىشىلىك تۈركىيە قوشۇنىنى يەڭگەن.