Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
胡椒
بىئولوگىيە
قارىمۇچ
قارىمۇچ ئائىلىسىگە كىرىدۇ، ئەسلىي پېلەكلىك ئۆسۈملۈك. غولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر قانچە مېتىر كېلىدۇ، بوغۇمى يوغان بولۇپ، دائىم يىلتىز ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، بىرئاز تېرىلىشىدۇ. تۇخۇمسىمان ئېللىپىس شەكىللىك ياكى ئېللىپىس شەكىللىك بولىدۇ، تۈۋى قىسمى يۇمىلاق ياكى ئۆتمەس بولۇپ، تۈۋىدىن باشلانغان 5 - 7 تال تومۇر بولىدۇ؛ تەگ يوپۇرمىقى يوپۇرماق سېپىدىن بىرئاز قىسقا بولىدۇ. گۈلى كىچىك، تاق جىنسلىق، ئاتىلىق، ئانىلىق ئايرىم تۈپتە ئۆسىدۇ، ئارىلىق جىنس ياكى شالغۇت جىنس بولىدۇ، گۈل يېپىنچىسى بولمايدۇ. باشاقسىمان گۈل رېتى يوپۇرماقتىن قىسقا بولىدۇ، ئورىغۇچى يوپۇرماقنىڭ تۈۋى بىلەن گۈل رېتى ئوقى بىرلىشىپ تېيىز رومكىسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. شىرنىلىك مېۋىسى شارسىمان بولۇپ، پىشقاندا قىزىل، قۇرۇغاندا قارا ھەم پۈرمىلىرى بولىدۇ. ئەسلى ماكانى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا (شەرقىي ھىندىستان)، جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، تەيۋەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. پىشمىغان مېۋىسى قۇرۇغاندىن مېۋە پوستى پۈرۈك ھەم قارا بولىدۇ، بۇ قارىمۇچ دەپ ئاتىلىدۇ؛ پىشقان مېۋىسىنىڭ پوستى ئاجرىتىۋېتىلگەندىن كېيىنكى قىسمى ئاقمۇچ دەپ ئاتىلىدۇ. يۇقىرىقى ئىككى خىل قارىمۇچ پۇراقلىق، ئاچچىق بولۇپ ئۇنى تەم تەڭشىگۈچ ۋە دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينى ساغلاملاشتۇرىدۇ.
سودا,باغۋەنچىلىك,ئورمانچىلىق
hú jiāo
قارىمۇچDئۇنىۋېرسال
hú jiāo
قارىمۇچ
قارىمۇچ دەرىخى