Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
回夏突变
بىئولوگىيە
ئەسلىگە كەلگەن توساتتىن ئۆزگىرىش
توساتتىن ئۆزگەرگەن گېننىڭ ياۋايى تىپلىق گېنغا ئايلىنىش جەريانى. مەسىلەن، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيە گىستىدىن كەمچىل تىپى توساتتىن ئۆزگىرىشنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئارقىلىق ياۋايى تىپلىققا ئايلىنىدۇ. توساتتىن ئۆزگىرىشنىڭ ئەسلىگە كېلىش چاستوتىسى ئومۇمەن ئوڭ يۆنىلىشتە بولۇپ، توساتتىن ئۆزگىرىش چاستوتىسىغا قارىغاندا تۆۋەنرەك بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مىسالدىكى ئوڭ يۆنىلىشتە توساتتىن ئۆزگىرىشنىڭ چاستوتىسى ئەسلىگە كەلگەن توساتتىن ئۆزگىرىش چاستوتىسى بولىدۇ. ئىككى خىل ئەھۋالدا ئەسلىگە كەلگەن توساتتىن ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ: (1) ھەقىقىي ئەسلىگە كەلگەن توساتتىن ئۆزگىرىش، بۇنىڭدا توساتتىن ئۆزگىرىش، ئوڭ يۆنىلىشتە توساتتىن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن ئوخشاش بىر ئورۇندا بولىدۇ. (2) تورمۇزلىغۇچى فاكتورلۇق توساتتىن ئۆزگىرىش، بۇنىڭدىكى توساتتىن ئۆزگىرىش باشقا بىر ئورۇندا بولىدۇ، لېكىن ئەسلىدىكى توساتتىن ئۆزگەرگەن تىپنىڭ ئىپادىلىنىش تىپلىق ئېففېكتىنى يېپىپ قويىدۇ.