Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
慧超
دىن
huì chāo
佛
بۇددا دىنى
ھيې ـ چو، راھىب ھېيې ـ چو
دۇنيا تارىخى
خۇيچاۋ
(704 - ؟) چاۋشيەن سىللادىكى راھىب. ياش ۋاقتىدا تاڭ سۇلالىسىگە كەلگەن. مىلادىن 719-يىلى (تاڭ سۇلالىسى كەييۇەننىڭ 7-يىلى) جىن گاڭجىنى ئۇستاز تۇتقان. كېيىن جەنۇبىي دېڭىز ئارقىلىق ھىندىستانغا بېرىپ، بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بۇددا نومىنى تەتقىق قىلغان، قايتىش سەپىرىدە پامىرنىڭ شىمالىدىكى بەگلىكلەر ئارقىلىق 727-يىلى (كەييۈەننىڭ 51-يىلى) ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىىسنىڭ مەركىزى كۇچاغا كەلگەن. كېيىن چاڭئەنگە بېرىپ، بۇكوڭ سەنزاڭنى ئۇستاز تۇتۇپ، بۇددا نومىنى تەرجىمە قىلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. 780-يىلى (تاڭ سۇلالىسى جيەنجۇڭنىڭ تۇنجى يىلى) ئۆزى تەرجىمە قىلغان بۇددا نومىنى ئېلىپ، ۋۇتەيشەن تېغىدىكى چەييۇەن بۇدا ئىبادەتخانىسىغا قايتقان، تاڭ سۇلالىسىدە 54 يىل تۇرغان. <بەش ئەنەتكەككە بېرىش خاتىرىسى> ئۇنىڭ تاڭ سۇلالىسىدىن ھىندىستانغا بېرىپ - كېلىشتىكى ساياھەت خاتىرىسىدىن ئىبارەت. بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلىدىكى نۇسخىسى ئۈچ توم بولۇپ، بۇرۇنلا يوقىلىپ كەتكەن. 1906-يىلى گەنسۇدىكى دۇنخۇاڭ غارىدىن مەزكۇر كىتابنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنىڭ پارچىلىرى يەنى 2، 3-قىسمىنىڭ بىر قىسمى تېپىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھىندىستاننىڭ كۇشىناگارا بەگلىكىنى زىيارەت قىلىپ كۇچاغا قايتىپ بارغانلىقى بايان قىلىنغان.