Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
护国主
دۇنيا تارىخى
پروتېكتورات
ⅩⅦ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالىي يولباشچىسى. پارالامېنتقا ئەزالىققا سايلىنىپ ئۆمۈرۋايەتلىك ۋەزىپە ئۆتىگەن. بىراق ۋارىسلىق قىلىشقا بولمىغان. ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى تولۇقلاشنى بەلگىلەش، جىنايەتچىلەرنى (دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتىدىن باشقا) كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. پالامېنتنىڭ رازىلىقسىز قوشۇن يۆتكەشكە، ئۇرۇش ئېلان قىلىشقا ۋە سۈلھ تۈزۈشكە بولمىغان. ئۈچ يىلدا بىر قېتىم پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈش كېرەك بولغان. پارلامېنت ماقۇللىغان قانۇن لايىھىلىرىنى پروتېكتورات تەستىقلاشقا توغرا كەلگەن. 1653 - يىل 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىگە بىنائەن كرومۋېل ئەنگلىيىنىڭ پروتېكتوراتى قىلىپ تەيىنلەنگەن. 1658-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى كرومۋېل ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى رىچارد كرومۋېل (1622 - 1712) ۋارىسلىق قىلغان. ئىككىنچى يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى تەختتىن چۈشۈپ، شۇنىڭ بىلەن پروتېكتورات ھۆكۈمرانلىقى ئاياغلاشقان.