Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ھۈجەيرە شالغۇتلاشتۇرۇش
بىئولوگىيە
细胞杂交
xìbāozájiāo
گېن تىپلىرى ئوخشىمايدىغان تەن ھۈجەيرىلىرىنى قوشۇش ئارقىلىق بىر يادرولۇق شالغۇت ھۈجەيرە ھاسىل قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت. غاجىغۇچى ھايۋانلارنىڭ ھۈجەيرىسىنى ئادەمنىڭ تەن ھۈجەيرىسى بىلەن شالغۇتلاشتۇرغاندا، شالغۇت ھۈجەيرىدە ھەر دائىم ئالدىنقىسىنىڭ بارلىق خروموسوملىرى ساقلىنىپ قېلىپ، ئادەمنىڭ خروموسومىسى يوقىلىشقا يۈزلىنىپ، پەقەت بىر دانە ياكى ئازغىنە بىر قانچىسى ۋە ياكى خروموسوما بۆلۈكلىرىلا قالىدۇ. بۇنداقتا گېنلارنىڭ ئورنىنى بېكىتىش ۋە ئىرسىي باغلىنىش مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىشقا قولايلىق بولىدۇ.