Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
华盛顿
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرىhuá shèng dùn
ۋاشىنگتونDئۇنىۋېرسال
huá shèng dùn
ۋاشىنگتون
دائىرە: دۇنيا تارىخىۋاشىنگتون
(1732 - 1799) ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، تۇنجى زۇڭتۇڭ (1789 - 1797). ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ ۋېسمورلاند دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا يەر ئۆلچىگۈچى بولغان. كېيىن ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلىپ مايورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1755 - يىلى ۋىرگىنىيە يەرلىك قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قوماندانى بولۇپ، كېيىن كولونېللىققا ئۆستۈرۈلگەن. يەتتە يىللىق ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، 1758 - يىلى قوشۇندىن چېكىنگەن. 1759 - 1774 - يىللىرى ۋىرگىنىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. 1774 - ۋە 1775 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بىرىنچى، ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىلى بولغان ھەمدە ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىدا چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. ترېنتون (1776)، پرىنستون (1777)، ۋاللىفۇچ ۋە يوركتوۋن (1781) ئۇۇرشلىرى ئارقىلىق ئەنگلىيە قوشۇنىنى يەڭگەن. 1783 - يىلىدىكى <پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى> ئارقىلىق ئەنگلىيىنى ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 1787 - يىلى قوشما شتات ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1789 - يىلى تۇنجى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. 1793 - يىلى قايتا تەيىنلەنگەن. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، سودا - سانائەتنى راۋاجلاندۇرغان ۋە تاشقى سودىنى قوغدىغان؛ قوشما شتاتلار بانكىسىنى تەسىس قىلغان؛ ئەدلىيە نىزامنامىسىنى جاكارلىغان؛ قوشما شتات ئالىي سوتىنى قۇرۇپ چىققان. 1794 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن <جون جېيى شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، ئامېرىكا مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، كېيىن كېسەل بىلەن قازا قىلغان. ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىكى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانلىقتىن <ئامېرىكا دۆلەت ئاتىسى> دەپ نام ئالغان.
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەرۋاشىنگتون
ئا ق ش نىڭ پايتەختى، مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر ئاتلانتىك ئوكيانغا يېقىن بولۇپ، پوتوماك دەرياسى ئارقىلىق كىچىك تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى شەھەر رايونىغا كىرەلەيدۇ. شەھەر ئاھالىسى 637 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ ئىچىدە نېگىرلار 450 مىڭدىن ئاشىدۇ. ۋاشىنگتون شەھىرى 1790 - يىلى ئا ق ش نىڭ بىرىنچى زۇڭتۇڭى ۋاشىنگتوننىڭ تەكلىپى بويىچە پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئا ق ش نىڭ پايتەختى 1800 - يىلى بۇرۇنقى پايتەختى فىلادېلفىيە شەھىرىدىن ھازىرقى شەھەرگە يۆتكەپ كېلىنگەن. ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئېغىر سانائەت ئورۇنلىرى يوق. پەقەت يېنىك تىپتىكى نەشرىيات، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار، بۇ جايدا ھەيۋەتلىك پارلامېنت بىناسى، ئاق ساراي، بەش بۇرجەكلىك بىنا، نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، پەنلەر ئاكادېمىيىسى، دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، مۇزېي، گۈزەل سەنئەت ئورۇنلىرى، ۋاشىنگتون نامىدىكى خاتىرە مۇنارىسى، لىنكولىن (1860 - يىلى 11 - ئايدا ئا ق ش غا زۇڭتۇڭ بولغان كىشى)، جېففېرسون خاتىرە مۇنارلىرى، نامسىز قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىسى، 1789 - يىلى قۇرۇلغان گېئورتون داشۆسى، 1812 - يىلى قۇرۇلغان گېئورگى، ۋاشىنگتون نامىدىكى داشۆ قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتى، پەن - تېخنىكا تارىخى مۇزېي، ۋاشىنگتون نامىدىكى چوڭ چېركاۋ، ئالەم مۇزېيخانىسى قاتارلىق مەشھۇر ئورۇنلار بار. شەھەرنىڭ ساياھەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ۋاشىنگتوننىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا، سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ئۇ نۇرغۇن تارماق تۆمۈريوللار ئارقىلىق شەرقىي شىمالدا فىلادېلفىيە، نيۇ - يورك قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن، غەربتە بىتىتسبورگ، جەنۇبتا رىچموند شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق دۆلەتتىكى چوڭ شەھەرلەر، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بېرىش - كېلىش قىلالايدۇ. شەھەرنىڭ يەر ئۈستى، يەر ئاستى قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ۋاشىنگتوندىكى بىرىنچى يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1974 - يىلى سېلىنغان.
ئىختىساسلىق
دائىرە: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىhuá shèng dùn
دائىرە: جۇغراپىيەقىتئە، ئوكيان، دۆلەت ۋە شەھەرلەرنىڭ نامى
ۋاشىنگتون
(1) ئوڭ قولنىڭ بىگىز، ئوتتۇرا ۋە نامسىز بارماقلىرىنى ئېچىپ، ئوتتۇرا بارمىقىنى يۇقىرىدا، بىگىز بارمىقى بىلەن نامسىز بارمىقىنى تۆۋەندە تۇتۇپ، ئۈچ بۇرجەك ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە بارمىقى ئۇچىنى ئوڭ مۆرىگە قارىتىدۇ، ئاندىن ئايلاندۇرۇپ چىقىرىپ، بارمىقى ئۇچىنى يۇقىرىغا قارايدىغان قىلىدۇ (بۇ ئامېرىكىچە قول ئىشارىتى تىلى).
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.