Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
环节动物
ئۇنىۋېرسال
huán jié dòng wù
بوغۇم تەنلىكلەر
Dتەبىئىي جۇغراپىيە
huán jié dòng wù
بوغۇملۇق ھايۋانلار، ئاننېلىدا
بىئولوگىيە
بوغۇم تەنلىك ھايۋانلار
ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى بىر تىپ. كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرىدىن؛ قۇم سازىڭى، سازاڭ قۇرت، زۇلۇك قاتارلىقلار بار. ئۇلارنىڭ تېنى ئۇزۇنچاق، لۆم - لۆم قورت شەكلىدە، ئىككى يان سىممېترىك ئۈچ تۆرەلمە قەۋەتلىك بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئۆزئارا تۇتاشقان، ھالقا بوغۇم دەپ ئاتىلىدىغان تەن بوغۇملىرىدىن تۈزۈلگەن، ھەرخىل ئورگانلىرى بەلگىلىك تەن بوغۇملىرىغا جايلاشقان بولىدۇ. ئادەتتە ئالدىنقى ئىككى بوغۇمى ۋە ئەڭ ئاخىرقىبىر بوغۇمىدىن باشقا، قالغان ھەرقايسى بوغۇملىرىنىڭ مورفولوگىيىسى ئاساسەن ئوخشاش؛ يەنە بەزى تۈرلىرىنىڭ ياشاش ئادىتى ئوخشىمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئالدى تەرەپتىكى تەن بوغۇملىرى مورفولوگىك جەھەتتىن ۋە فۇنكسىيىسى جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. كۆپ ساندىكى تۈرلىرىنىڭ ھەرقايسى بوغۇملىرىدا قىلچىق تۈكلىرى بار؛ دېڭىزدا ياشايدىغان تۈرلىرىنىڭ تەن بوغۇمىنىڭ ئىككى يېنىدا سۆگەلسىمان ئاياغلىرى يەنى تەن دىۋارىنىڭ سىرتىغا تومپىيىشىدىن شەكىللەنگەن ياپىلاقسىمان ئۆسۈكچىلىرى بولىدۇ. قىلچىق تۈك ۋە سۆگەلسىمان ئاياغلىرى ھەرىكەتلىنىش ئورگانلىرى ھېسابلىنىدۇ. زۇلۇكلار سىنىپىدىن باشقىلىرىدا روشەن، ھەقىقىي (كېيىنكى) تەن بوشلۇقى بولىدۇ. تىپىك تۈرلىرى يېپىق قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا ئىگە بولۇپ، ئىچكى ئۇچى تەن بوشلۇقىغا ئېچىلغان چىقىرىۋېتىش سىستېمىسى ۋە مېڭە يۇتقۇنچاق ئەتراپ نېرۋا تۈگەنى ھەم قورساق نېرۋا زەنجىرىدىن تەركىب تاپقان زەنجىرسىمان نېرۋا سىستېمىسى بولىدۇ. ئۇلار دېڭىز سۇلىرى، تاتلىق سۇ ۋە تۇپراقلارغا تارقالغان بولۇپ، يەنە بىر مۇنچە تۈرلىرى باشقا ھايۋانلار بىلەن ئورتاق ماكانلىشىپ ياشايدۇ، ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرى پارازىتلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان تۈرلىرى بېلىقلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ھېسابلىنىدۇ. سازاڭ قۇرت تۇپراقنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە بولغاچقا، ئىنسانلارغا پايدىلىق؛ باشقا بەزى تۈرلىرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە بولغان مولليۇسكلارنى (يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنى) يەپ، ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە يۈسۈنلەرگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ ياكى باشقا تەرەپلەردىن زىيان سالىدۇ. بوغۇم تەنلىك ھايۋانلار ئاساسەن كۆپ تۈكلۈكلەر سىنىپى (مەسىلەن، قۇم سازىڭى) ئاز تۈكلۈكلەر سىنىپى (مەسىلەن، سازاڭ قۇرت) ۋە زۇلۇكلار سىنىپى (مەسىلەن زۇلۇك) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.