Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
黄金海岸统一大会党
دۇنيا تارىخى
ئالتۇن قىرغاق بىرلىككە كەلگەن كونگېرىس پارتىيىسى
گانادىكى تۇنجى مىللەتپەرۋەر پارتىيە. 1947-يىلى قۇرۇلغان. رەھبىرى دانكا (1895 - 1965). <بالدۇرراق ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش> نى تەشەببۇس قىلغان. 1948-يىلى ئىنكروما باش شۇجى بولغان. 1949-يىلى ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش ئىسلاھات لايىھىسىگە نىسبەتەن پىكىر ئىختىلاپى بولغانلىقتىن، بۇ پارتىيىدە بۆلۈنۈش بولغان. ئىنكروما ۋە كۆپچىلىك پارتىيە ئەزالىرى خەلق كونگېرىس پارتىيىسى تەشكىل قىلغان؛ قالغانلىرى گانا كونگېرىس پارتىيىسى تەشكىل قىلغان.