Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
怀疑派
دۇنيا تارىخى
گۇمانخورلار
قەدىمكى يۇناننىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن پەلسەپە ئېقىمى. بۇ ئېقىمغا ئاساس سالغۇچى ئىللىسلىق پيررون (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 365 - 275). بۇ ئېقىمنىڭ ئورتاق ئىدىيىسى - كىشىلەر شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى مەڭگۈ چۈشىنىپ بولالمايدۇ دېگەندىن ئىبارەت. ئۇلار: سەزگۈ - بىلىمنىڭ مەنبەسى بولغانىكەن، ئۇنداقتا سەزگۈ (سەزگۈ ئەزالىرى) پەقەت شەيئىلەرنىڭ يۈزەكى كۆرۈنۈشىنىلا ئېچىپ بېرىدۇ، ئەمما شەيئىلەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى بىلگىلى بولمايدۇ دېگەن. پيررون تەڭ ئاقىلانىلىق ھەرىكەت - ھەممە شەيئىلەر ئۈستىدىن پىكىر قىلماسلىق، ھەرقانداق ھۆكۈم چىقارماسلىق، مانا بۇ ئالىي ساۋابلىقتۇر، ئۇ كىشىلەرگە <ئارامخۇدالىق> (ئاتاراكسىيە) ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. گۇمانخورلار ھەرقانداق شەيئىگە قارىتا پەقەت <ئېھتىمال> لىق پوزىتسىيىسىنى قوللانغان، ھەرگىز <بۇ ئىش شۇنداق بولىدۇ> دېمەسلىك، بەلكى <بۇ ئىش شۇنداقتەك قىلىدۇ> دېيىش كېرەك دەپ ھېسابلىغان. پيرروننىڭ شاگىرتى، پلىئۇلىق تىمۇن (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىردە ئۆتكەن) مۇنداق دېگەن: <مەن ھەرگىز ھەسەلنى تاتلىق دېمەيمەي، پەقەت ھەسەل قارىماققا تاتلىقتەك قىلىدۇ، دەپ ئېتىراپ قىلىمەن>. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ - Ⅱ ئەسىردە ئۆتكەن دارىلفۇنۇنچىلارنىڭ ۋەكىلى، پىتانلىق (كىچىك ئاسىيا) ئاركېسىلاۋ ۋە كيرېنلىق (شىمالىي ئافرىقا) كارنېئاد گۇمانخورلۇقنى دارىلفۇنۇنغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرغان. بۇلارنىڭ ئالدىنقىسى ھەرقانداق نەرسىنى ئېنىق بەلگىلىمەسلىك، ھەتتا ھەرقانداق نەرسىنى ئېنىق بەلگىلىمەسلىكتەك بۇ ئىشنىمۇ بەلگىلىمەسلىكنى بىلدۈرگەن، بۇ قەدىمكى جەمئىيەتتە يەتمەكچى بولغان ئاگنوستىتسزم (بىلگىلى بولماسلىق نەزەرىيىسى) دىن ئىبارەت. كېيىنكىسى، ئافىنا <يېڭى دارىلفۇنۇن> نىڭ قۇرغۇچىسى دەپ ئاتىلىپ، ئۇ سىتوئىكچىلارنىڭ <بىشەملىك> بىلىم نەزەرىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان، مىلادىدىن 155 - يىل ئىلگىرى رىمغا ئەلچى بولۇپ بارغان ھەمدە ئۇ يەردە نوتۇق سۆزلەپ، گۇمانخورلاردىن كرىتلىق ئېنېسىدېم (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىردە ئۆتكەن) ۋە سېكستو ئىمپىرىكۇ (مىلادى Ⅲ - Ⅱ ئەسىرلەر ئارىلىقىدا ئۆتكەن) قاتارلىقلار بار. بۇ مەزگىل قەدىمكى گۇمانخورلارنىڭ پائالىيىتى ئاخىرلىشىپ قالغان مەزگىلى بولغان. گۇمانخورلۇق ئىدىيىسى كېيىنكىلەر ئۈچۈن خېلىلا تەسىر كۆرسەتكەن، يېقىنقى زاماندىكى مەشھۇر گۇمانخور ئەنگلىيەلىك داۋىد يۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.