Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ھېتت قانۇنى
دۇنيا تارىخى
赫梯法典
hè tī fǎ diǎn
كىچىك ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت ھېتتنىڭ قانۇنى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھېتتنىڭ قەدىمكى پايتەختى ھاتتۇساس (بۈگۈنكى تۈركىيە ئەنقەرە شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بوكالىزىيىن) نىڭ خارابىسىدىكى <دۆلەت ئارخىپ ئامبىرى> دىن تېپىلغان. نىشى يېزىقى (ھېتتلارنىڭ مىخ يېزىقى) بىلەن ئويۇپ يېزىلغان بىر قانچە سېغىز بەتتىن ئىبارەت بولۇپ، چېخ ئالىمى ھرونزىنى ئۇنى يەشكەن ۋە <كىچىك ئاسىيادىن قېزىپ چىقىلغان ھېتت قانۇنى> نى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئىككى جەدۋەل بولۇپ، ئۇنىڭ ھەربىرىدە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ۋە قۇلدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسەت قىلىنغان 100 ماددا بار؛ ئاساسەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅤⅩ ئەسىردىن ⅣⅩ ئەسىرگىچە ھېتت پادىشاھلىنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، قەدىمكى ھېتت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.