Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ھېسسىئودۇس
دۇنيا تارىخى
赫西俄德
hè xī é dé
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ - Ⅷ ئەسىر) قەدىمكى يۇنانلىق شائىر، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەسلىدە كىچىك ئاسىيادىكى ئىئورىيىلىكلەر قۇرغان مۇستەملىكە شەھىرى كومېدىكى سودىگەر، كېيىن ئوتتۇرا گرېتسىيە بېئونىيىدكى خېلىكون تېغىدىكى ئاسكرا يېزىسىغا كۆچۈپ بېرىپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ھېسسودوس مۇشۇ يەردە تۇغۇلغان. چەكلىك مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئىنىسى پېررېس بىلەن تالاش - تارتىش قىلىشقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئىنىسى مىراسنى كۆپلەپ ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە ئەمەلدارلارغا پارا بەرگەن، بىراق سوت نەتىجىسى نامەلۇم. ئوركومېنوسقا كۆچۈپ بېرىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن. لوكرىس (پېئوتىيىنىڭ غەربىدە) دائىرىسىدە ئۆلتۈرۈلۈپ، نۇپاكتوس دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغان دېگۈچىلەرمۇ بار. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ئەمگەك ۋە مەۋسۈم> ۋە <ئىلاھ شەجەرىسى> قاتارلىقلار بار. ئالدىنقى ئەسەردە يۇناننىڭ يېزا تۇرمۇشى كونكرېت تەسۋىرلەنگەن. كىشىلەرگە قايسى پەسىلدە نېمە ئىش قىلىش، نېمە ئىشنى قىلماسلىق لازىملىقىنى، دېھقانچىلىق بىلەن تىرىشىپ شۇغۇللانسا بەختلىك ئادەم بولالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. شېئىرلىرىدا پېررېسقا: ئىلاھ بىلەن ئادەم تەييار تاپنى يامان كۆرىدۇ، <ئادەم پەقەت ئەمگەك ئارقىلىقلا مال پادىسىغا ئىگە بولالايدۇ، بايلىققا ئېرىشەلەيدۇ، پەقەت ئەمگەك قىلغان كىشىلا تەڭرىنىڭ شاپائىتىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ> دېگەن. كېيىنكى ئەسىرىدە دۇنيانىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەڭرىلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشى تەسۋىرلەنگەن. قەدىمكى ئەپسانىدىن تىزىپ چىقىلغان ئىلاھ شەجەرىسى يۇناندىكى دىنىي ئەپسانىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىم قىممەتكە ئىگە. ھېسسىئودوس بىلەن گومېر گرېتسىيىنىڭ يىراق قەدىمكى زامانىدىكى ئىككى شائىرى دەپ ئاتالغان (گومېردىن تەخمىنەن بىر ئەسىردىن كېيىن ئۆلگەن). بىراق، گومېر ئاساسەن تەڭرىلەرنىڭ ئۇرۇشى، تەۋەككۈلچىلىكى قاتارلىق قەھرىمانلىق ئىش پائالىيەتلىرىنى مەدھىيلىگەن. ھېسسىئودوس بولسا، كۆپىنچە كۈندىلىك ئەمگەك تۇرمۇشىنى بايان قىلغان ھەمدە تەلىم - تەربىيە خاراكتىرى ئالغان. ئۇنىڭ شېئىرى ئەدەبىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە. بۇ ئەسەرلەر يۇناننىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىساد سىنىپىي قۇرۇلمىسى، بولۇپمۇ ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكىگەدائىر ئەھۋاللارنى ئەكس ئەتتۈرگەن. شۇنداقلا ئىنسانلار ئالتۇن دەۋر، كۈمۈش دەۋر، مىس دەۋر، قەھرىمانلار دەۋرى، تۆمۈر قورال دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۆمۈر قورال دەۋرىدىكى ھوقۇقدار ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقنىڭ ھەققانىيەتسىزلىكىنى پاش قىلغان. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مونوپول ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى ئەيىبلىگەن.