Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھېسسىيات ئۈنۈمى
پسىخولوگىيە
بۇمۇ ھېسسىياتنىڭ بىر سۈپىتى. ئۇ ھېسسىياتنىڭ ئادەمنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتىدىكى رولىدىن ئىبارەت. كىشىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىدە رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان ھېسسىيات ئۈنۈملۈك ھېسسىيات، كىشىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىدە رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينىيالمايدىغان ھېسسىيات ئۈنۈمسىز ھېسسىيات دېيىلىدۇ. ھېسسىيات ئۈنۈمى ئايرىم پەرقلەردە مەۋجۇت. بەزىلەر ھېسسىياتچان بولۇپ، دائىم ئۆز ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. لېكىن ھېسسىياتىنى ھەرىكىتىنى ئالغا سۈرىدىغان كۈچكە ئايلاندۇرالمايدۇ؛ بەزىلەر قىزغىن بولۇپ، ئۆز ھېسسىياتىنى بىلدۈرمىسىمۇ، ئۇنى ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچكە ئايلاندۇرالايدۇ.