Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھىرز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ساقلايدىغان، ئاسرايدىغان؛ ساقلىنىش، ئامان بولۇش، ئامانلىق جاي، ساقلىنىش جايى.
تۇمار:
قىلىپ ھەقغە ھەردەم مۇناجاتلار،
ئوقۇپ ھىرزلار بەلكى ئاياتلار.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سىغىنىدىغان، ساقلىنىدىغان جاي، پاناھ جاي؛ تۇمار: ھىرزجان - جاننى ساقلاش تۇمارى.