Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھېررېرارېسسىگ
دۇنيا تارىخى
(1875 - 1910) ئۇرۇگۋايلىق شائىر. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھازىرقى زامانچىلار ۋەكىللىرىنىڭ بىرى. فرانسىيە ۋە ئىسپانىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. <ئوبزور> دېگەن ئەدەبىي ژۇرنالنى چىقارغان ھەمدە <مەنزىرە مۇنارى> دېگەن ئەدەبىي تەشكىلاتقا رەھبەرلىك قىلغان. ئاددىي يېزا مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۇرۇگۋاي تەبىئىتىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ <كەچكى ئىبادەت>، <تاغ شادلىقى>، <خازان بولغان گۈلباغ>، <بىنەپشە رەڭلىك شېئىر>، <سىفېكسىدىكى مۇنار> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.