Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ھېردېر
دۇنيا تارىخى
赫尔德
hè ěr dé
(1744 - 1803) گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ، تارىخشۇناس ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت تەنقىدچىسى. ياش ۋاقتىدا ئىلاھىيەتنى تەتقىق قىلىپ، كانتنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان. 1764 - 1769 - يىللىرى رىگادىكى چېركاۋ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان. 1776 - يىلى ۋېيمارغا بېرىپ، ئوردا پوپى بولغان. كۆپ خىل بىلىملەرنى ئۆگەنگەن. شېئىرلار توپلىمىنى تەھرىرلەپ چىققان. شۇ زاماندا بىلىمى چوڭقۇر بولۇش بىلەن داڭقى چىققان. مۇكەممەل تارىخىي پەلسەپە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشقان. تارىخ - ئوبيېكتىپ جەريان، تەبىئەت قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققىي قىلىدۇ؛ تارىخشۇناسنىڭ ۋەزىپىسى تولىمۇ مۇرەككەپ بولغان تارىخىي پاكىتلاردىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى كۆرۈۋېلىشتىن ئىبارەت، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئىلگىرىلەش جەريانىنى ئۈچ دەۋرگە، يەنى: ئەڭ دەسلەپكى <شېئىرىيەت دەۋرى> يەنى ئىنسانلارنىڭ بالىلىق دەۋرى، كېيىن <نەسرىي دەۋر> يەنى ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرا ياشلىق باسقۇچى؛ ئەڭ ئاخىر <پەلسەپە دەۋرى> يەنى ئىنسانلارنىڭ پىشىپ يېتىلىش دەۋرىگە ئايرىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خېلى كۆپ، ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى - <ئىنسانلارنىڭ تارىخىي پەلسەپىسى ھەققىدە مۇھىم چۈشەنچە> دىن ئىبارەت.