Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ھىپپو
دائىرە: دۇنيا تارىخى希波
xī bō
شىمالىي ئافرىقىدىكى قەدىمكى شەھەر نامى. ئورنى ئىكى يەردە: بىرى، نومىدىيە (ھازىرقى ئالجىرىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا) نىڭ ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى روبرىكات دەرياسى ئېغىزىدا بولۇپ، ھىپپو - رېگىئوس دەپ ئاتالغان. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سېن - ئاۋگۇستىن مۇشۇ يەرد ئۇزاق ۋاقىت ئېپىسكوپ بولۇپ تۇرغان، يەنە بىرى، كارفاگېن (ھازىرقى تۇنىسنىڭ شىمالىي قىسمىدا) نىڭ ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقى (ئوتىكا شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالى) دا بولۇپ، ھىپپودىئاريت دەپ ئاتالغان. بۇنىڭدىن باشقا قەدىمكى ئىسپانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كااپېتانىلار زېمىنىدىمۇ ھىپپو ناملىق بىر كىچىك شەھەر بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.