Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
厚角组织
دائىرە: ئۇنىۋېرسالhòu jiǎo zǔ zhī
كوللېنخىما
Dئۆسۈملۈك
hòu jiǎo zǔ zhī
قېلىن بۇرجەكلىك توقۇلما
دائىرە: بىئولوگىيەقېلىن بۇلۇڭلۇق توقۇلما
ئۆسۈملۈكتىكى مېخانىكىلىق توقۇلمىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇزۇن ھايات ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ. ھۈجەيرىسىنىڭ پوستىنىڭ كۆپ قىسمى نېپىز، ئاز قىسمى قېلىنلاشقان بولىدۇ. قېلىنلاشقان پوستىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سېلليۇلوزا بولۇپ، ياغاچقا ئايلانمايدۇ، قېلىنلىشىش ئەھۋالى ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، ھۈجەيرىنىڭ بۇلۇڭى قېلىنلىشىپ تىك قىر ھاسىل قىلىدۇ؛ يەنە بىرى، پوستى كەسمە يۈز بويىچە قېلىنلىشىپ پلاستىنكىسىمان ھالەتنى ھاسىل قىلىدۇ. سامان غوللۇق قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غول ۋە يوپۇرماق سېپىنىڭ ئېپىدېرمىسىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى قوۋزاق قەۋىتىدە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، ياكى غولىدىن بۆرتۈپ چىققان قىردا توپ ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، كالپۇكسىمانلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر غولىنىڭ تۆت قىرى؛ ياكى قوۋزاق قەۋىتىنىڭ سىرتقى قىرىدا ھالقىسىمان ھالەتتە مەۋجۇت بولىدۇ. مەسىلەن، خېنىنىڭ غولى، قېلىن بۇلۇڭلۇق توقۇلما ھايات توقۇلما بولۇپ، قوشۇمچە تىرەك بولۇش رولىنى ئوينايدۇ لېكىن تىرەك بولۇش كۈچى ئاجىز بولىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.