Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
侯达比亚协议
دىن
hóu dá bǐ yà xié yì
伊
ئىسلام دىنى
ھۇدەيبىيە سۈلھى
دۇنيا تارىخى
ھۈدەيبىيە سۈلھسى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككە ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن تۈزگەن سۈلھسى. مىلادى 628 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇرىتلىرىدىن 1400 كىشى ۋە قۇربانلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان 70 تۆگە بىلەن مەككىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، شەھەرگە ئانچە يىراق بولمىغان ھۈدەيبىيە دېگەن يەرگە كەلگەندە مەككىلىكلەر تەرىپىدىن تۇسۇۋېلىنغان، كېيىن ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى بۇ جايدا تۆۋەندىكىدەك سۈلھ تۈزگەن: (1) بۇ يىلقى تاۋاپنى ئىككىنچى يىلغا ئۆزگەرتىش؛ ئۇ چاغدا قۇرەيىش قەبىلىلىرى شەھەر سىرتىغا كۆچۈپ چىقىش، لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئۈچ كۈن تۇرۇشىغىلا رۇخسەت قىلىش. (2) ئىككى تەرەپ ئون يىلغىچە ئۇرۇش قىلماسلىق. (3) مەككىلىكلەردىن مەدىنە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مۇسۇلمانلار مەسئۇل بولۇش، مۇسۇلمانلاردىن مەككە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىشكە مەككىلىكلەر مەسئۇل بولماسلىق. (4) ئىككى تەرەپ ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ئەھدىنامە تۈزۈش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش. سۈلھ شەرتنامىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن مەككە ئاقسۆڭەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بەرگەن.