Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ھوسسىباخ مېموراندۇمى
دۇنيا تارىخى
霍斯巴赫备忘录
huò sī bā hè bèi wàng lù
گىتلېرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى پىلانلىشى توغرىسىدىكى مەخپىي يىغىنى خاتىرىلەنگەن ماتىرىيال. گىتلېرنىڭ ئاديۇتانتى پولكوۋنىڭ ھوسسىباخ ئۇن رەتلەپ چىققاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1937 - يىلى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى گىتلېر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئۈچ ئارمىيىنىڭ قوماندانلىرىنى چاقىرىپ، زۇڭلى ئىشخانىسىدا مەخپىي يىغىن ئۆتكۈزگەن. گىتلېر يىغىندا ئۇزۇن سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغايدىغان ستراتېگىيىلىك پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونلىرى مۇنداق: گېرمانىيە ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان <ياشاش ماكانى>، <ياۋروپا زېمىنىدە>، ئۇنى قورال كۈچى ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ؛ گېرمانىيە قورال كۈچىنى ئىشقا سالغاندا ئالدى بىلەن ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەك، گېرمانىيىنىڭ ياشاش ماكانى مەسىلىسىنى ئەڭ كىچىككەندىمۇ 1943 - 1945 - يىللاردا ھەل قىلىش كېرەك؛ غەربكە قارشى ئۇرۇش قىلغاندا يان تەرەپتىكى تەھدىتلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال چېخوسلوۋاكىيە ۋە ئاۋسترىيىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىش كېرەك. ھوسسىباخ شۇ چاغدا خاتىرىلىگۈچى بولغان. يىغىندىن كېيىن ئۇنى رەتلەپ مېموراندۇم قىلىپ چىققان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىتتىپاقداش ئارمىيە مېموراندۇمنىڭ كۆچۈرمىسىسىنى تېپىۋالغان. 1946 - يىلى نيورنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوت مەھكىمىسى بۇ ماتېرىيالنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئۇنى ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلق ئۇرۇشىنى قوزغىغانلىقىنىڭ جىنايى دەلىل - ئىسپاتى قىلغان.