Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
红色方案
دۇنيا تارىخى
قىزىل لايىھە
گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ فرانسيىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان ھەربىي ئىشلار پىلانى. 1937 - يىلى 6 - ئايدا، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولومبېرگ گىتلېرنىڭ مۇددىئاسى بويىچە، ئۈچ ئارمىيەقوماندانلىرىغا بەرگەن مەخپىي بويرۇقىدا گېرمانىيە ئارمىيىسى ئىككى خىل ئېھتىمال بولغان ئۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىشنى يەنى، بىرىنچى خىلى <ئاساسلىق غەربتە ئۇرۇش قىلىش>(شەرتلىك بەلگىسى <قىزىل>)، ئىككىنچى خىلى - <ئاساسلىق شەرقىي جەنۇب تەرەپتە ئۇرۇش قىلىش> (شەرتلىك بەلگىسى <يېشىل>)نى ئوتتۇرغا قويغان. گېرمانىيە ئارمىيىسى شتابى مەزكۇر بويرۇققا بىنائەن تۈزۈپ چىققان فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى ئاساس قىلغان پىلاننى <قىزىل لايىھە> دەپ ئاتىغان.