Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
红旗事件
دۇنيا تارىخى
قىزىلبايراق ۋەقەسى
يەنە جىنخۇي سارىيى ۋەقەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيە مېيجى ھۆكۈمىتىنىڭ سوتسىيالىستلارنى باستۇرۇش ۋەقەسى. 1808 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - ۈنى، ياپونىيىدىكى سوتسىيالىستلار توكيونىڭ كامىتا جىنخۇي سارىيىدا تۈرمىدىن چىققان يولداشلىرىنى قارشى ئېلىش چوڭ يىغىنى ئاچقان. يىغىندىن كېيىن ئۆسۇگې، ئارا خاتاكانمورا قاتارلىق كىشىلەر <ھۆكۈمەتسىز ئۆمۈم مۈلۈك> دېگەن ئاق خەت يېزىلغان قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغاندا، ساقچىلارنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. ئۆسۈگې قاتارلىق 15 كىشى قولغا ئېلىنىپ بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.