Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
洪堡
دۇنيا تارىخى
ھومبولد
(1) كارل ۋېلھېلم فون ھومبولد (1767 - 1835) گېرمانىيىلىك سىياسىي پائالىيەتچى. تىلشۇناس. ساكسونىيىدىكى ئاقسۆڭەك بيۇروكرات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئىنىسى ئالېكساندر فون ھومبولد بىلەن تەڭ نام چىقارغان. 1787 - 1789 - يىللىرى ئودېر دەرياسى بويىدىكى فرانكفورت داشۆسى بىلەن گوتتېنگېن داشۆسىدە قانۇننى تەتقىق قىلغان. 1801 - 1810 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، پرۇسسىيىنىڭ رىم ۋاتىكانىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى، دىنىي ۋە مائارىپ ۋەزىرى بولغان، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ قانۇنىنى بەلگىلەش، چېركاۋنىڭ مائارىپقا ئارىلىشىشىنى چەكلەش، پرۇسسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ۋە بېرلىن داشۆسىنى قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە رول ئوينىغان. 1810 - يىلى پرۇسسىيىنىڭ ۋېنادا تۇرۇشلۇق ۋەزىرى بولغان، 1814 - 1815 - يىللىرى ۋېنا يىغىنىغا قاتناشقان. 1819 - يىلى پرۇسسىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، سىياسىي جەھەتتە لىبېرال بۇرژۇئازىيىگە مايىل بولۇپ، پرۇسسىيە ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىقتىن، ئەكسىيەچى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئۇزاق ئۆتمەي ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبور بولغان، تىلشۇناسلىق جەھەتتە، تىلنىڭ ماھىيىتى، تەرەققىياتى، تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى قاتارلىق نەزەرىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياۋروپا تىلشۇناسلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. ئەسەرلىرىدىن: <تارىخشۇناسنىڭ ۋەزىپىسى>، <ياۋا ئارىلىدىكى ياۋيى تىلى ھەققىدە>، مۇقەددىمە <ئىنسانلار تىل قۇرۇلمىسىدىكى پەرقلەر ۋە ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ روھىي تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى ھەققىدە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) ئالېكساندر فون ھومبولد (1769 - 1859) گېرمانىيىلىك تەبىئىي پەن ئالىمى، تەبىئىي جۇغراپىيەشۇناس؛ يېقىنقى زامان ھاۋارايى ئىلىمى، بىئوجۇغراپىيە، يەرشارى فىزىكىسى قاتارلىق پەنلەرنى ياراتقۇچىلارنىڭ بىرى؛ كارل ۋېلھېلم ھومبۇلدنىڭ ئىنىسى، ساكسونىيىدىكى بيۇروكرات ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1878 - 1792 - يىللىرى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، فرانكفورت داشۆسى، گوتتېنگېن داشۆسى، ھامبۇرگ سودا شۆيۈەنى ۋە فىرېيىنبېرگ گېئولوگىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە تەبىئىي پەن، ئىقتىساد، قانۇن ئىلمى، بىئولوگىيە ۋە گېئولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنى تەتقىق قىلغان. 1792 - 1795 - يىللىرى پرۇسسىيە كان ئىشلىرى تارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1807 - 1834 - يىللىرى 30 توملۇق <يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىسسىق بەلباغ رايونىغا ساياھەت> دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلغان. 1827 - يىلى بېرلىنغا قايتىپ كېلىپ، پرۇسسىيە كورۇلى فېردېرىخ ۋىليام Ⅲ نىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوردا مەسلىھەتچىسى بولغان. 1829 - يىلى روسىيىنىڭ ئۇرال، ئالتاي ۋە قارا دېڭىز رايونلىرىغا بېرىپ تەكشۈرگەن، كۆپلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، <ئاسىيا گېئولوگىيىسى ۋە ھاۋارايى ئىلمىدىن پارچىلار>، ئۈچ توملۇق <ئوتتۇرا ئاسىيا> قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. 1845 - يىلى بەش توملۇق بۈيۈك ئىلمىي ئەسەر <ئالەم> نى يېزىشقا كىرىشكەن. ئۇ، تەبىئەت مىسلىسىز زور بىر پۈتۈن گەۋدە، تۈرلۈك تەبىئەت ھادىسلىرى ئۆزئارا باغلانغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىچكى كۈچى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىپ راۋاجلىنىدۇ دەپ ھېسابلىغان. بىۋاستە كۆزەتكەن پاكىتلارنى ئاساس قىلغان ھالدا، سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، تەبىئەت ھادىسىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئېچىپ بەرگەن. بۇ كىتاب ماتېرىيالىستىك تەبىئەت پەلسەپىسى ھەققىدىكى بۈيۈك ئەسەر بولۇپ، تەبىئەت ئىلمىي نەزەرىيىسىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئېنگېلس <تەبىئەت دىئالېكتىكىسى> ناملىق ئەسىرىدە ئۇنىڭغا ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەرگەن. ئۇ يەنە تۇنجى بولۇپ دۇنيا ئىزوتىرمىك سىزىقىنىڭ خەرىتىسىنى ئىجاد قىلىپ، ھاۋا رايى ئىلمىي تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشقان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە يەر شارى ماگنىت كۈچىنىڭ قۇتۇنىدىن ئېكۋاتورغا قاراپ تەدرىجىي ئاجىزلاپ بارىدىغان قانۇنىيىتىنى ياراتقان، يانار تاغلارنىڭ جايلىشىشى بىلەن يەر ئاسىتىدىكى يوچۇقلارنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئۇنىڭ بىلىمى ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە كەڭ بولۇ، <ⅨⅩ ئەسىردىكى ئارىستوتىل> دەپ نام ئالغان. بۇلاردىن سىرت، ئۇ يەنە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىدراكشۇناس بولۇپ، ئىرقچىلىققا نەپرەتلەنگەن، مىللىي تەڭسىزلىككە ۋە بۇلاڭچىلىق خاراكتېرىدىكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
hóng bǎo
خومبۇرگ
洪堡〈德〉
hóng bǎo
خومبۇرگ