Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ھولىنىشېد
دائىرە: دۇنيا تارىخى霍林谢德
huò lín xiè dé
(تەخمىنەن ؟ - 1580) ئەنگلىيىلىك يىلنامە يازغۇچى. ياش ۋاقتىدا كىمبېرىچ داشۆسىنىڭ خرىستوس شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. تەخمىنەن 1560 - يىلى لوندونغا بېرىپ مەتبۇئات سودىگىرى ۋولفېنىڭ تەرجىمانى بولغان. 1573 - يىلى ۋولفې ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ پۈتتۈرۈپ بولالمىغان دۇنيا ئۇمۇمىي تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار ۋە قول يازمىلىرىنى تۈزەش ۋە تولۇقلاش ئارقىلىق <ئەنگلىيە، شوتلاندىيە ۋە ئېرلاندىيە يىلنامىلىرى> قىلىپ يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدا يىراق قەدىمكى زاماندىن تارتىپ، كوۇرلىۋا ئېلىزابېت تەختتە ئولتۇرغان دەسلەپكى يىلغىچە بولغان تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. نەقىل كەلتۈرۈلگەن كۆپلىگەن بۇرۇنقى يىلنامىلەر ۋە باشقا ھۆججەتلەر ئىشەنچىلىك تارىخ دەپ قارالغان. شېكىسپېرنىڭ <كورۇل>، <مەكبىس> ۋە <سىبېلىن> قاتارلىق مەشھۇر دراملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋەقەلىكى شۇ كىتابتىن ئېلىنغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.