Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھولبېرگ
دۇنيا تارىخى
(1684 - 1754) دانىيىلىك تارىخشۇناس، دراماتورگ. نورۋېگىيىدكى بېرگېن شەھىرىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىلا ئاتا - ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەن. بېرگېن لاتىنچە مەكتىپى ۋە كوپېنھاگېن داشۆسىدە ئوقۇغان. كېيىن ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇزاققىچە ساياھەت قىلغان ۋە ئۆگەنگەن ھەمدە دانىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالاغان. 1730 - يىلى كوپېنھاگېن داشۆسىدە جۇغراپىيە ۋە تارىخ پروفېسسورى بولغان. 1710 - يىلدىن باشلاپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تارىخىي جەھەتتە <ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تارىخىي ھەققىدە سۆز بېشى>، <دانىيە پادىشاھلىقىنىڭ تارىخى> (3وم) ۋە <بېرگېن خاتىرىسى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. <ئالدىراش كىشىلەر>، <ئۆزگىرىشچان ئايال> قاتارلىق 26 كومېدىيىسى بولۇپ، دانىيىنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى دەپ تەرىپلەنگەن.