Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھۆر
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆز ھەققى - ھوقۇقىغا ئىگە، ئەرك - ئىختىيارى ئۆز قولىدا بولغان.
چۆرە، دېدەك، قۇل
ئۆز ئەركىدىن، ھەق - ھوقۇقىدىن ئايرىلغان، ئەرك - ئىختىيارى باشقىلارنىڭ قولىدا بولغان.
جاپا - ئازاب چېكىپ ھۆر بولار، سەدەپتە قامىلىپ دور بولار. كاسىپتىن شاد - خۇرام ھۆر يوق جاھاندا، ھۈنەردىن ياخشىراق دۇر يوق جاھاندا. ئەقىل بىلەن قۇل ئازاد بولار. ئازادقا ئالەم كەڭ. زەنجىرلىنىپ توق يۈرگەندىن، ئاچ يۈرسەڭمۇ ئەركىن بول. قۇلنىڭ ناخشا ئېيتقىنى شادلىقتىن ئەمەس، ئاچلىقتىن. دېدەڭنىڭ دەردى ئىچىدە. چۆرە قىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان، ئەركىنلىكى ئۆزىدە بولغان ؛ ئەركىن .
ھۆرئادەم، ھۆر زامان .
ئى . قۇلدارلىق جەمئىيەتتىكى قۇلدىن باشقا ئاھالىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى .
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتقادى بويىچە جەننەتتە ياشايدىغان گۈزەل قىز ؛ پەرى .
ئۇ ئۆزىنى خۇددى جەننەتتىكى ھۆرلەر ئارسىدا يۈرگەندەك ھېس قىلىپتۇ .
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ھۆرى، ھۆرىخان، ھۆرىقىز، ھۆرىگۈل، ھۆرەم
ئەركىن، ئازادە، ھۆر پەرىدەك، قارا كۆز